شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
**** ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ت ئەيىبلەش [2019] 353-نۇمۇرلۇق
1.جاۋاپكار غ****، ئەر، ئۇيغۇر، **-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 653022*****2315، كەسپى: دىھقان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ **** ناھىيە **** يېزا **** كەنىت **** يولى **-نومۇر. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.
جاۋاپكار غ**** 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى قىمارخانا ئېچىش گۇمانى بىلەن **** ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلغان، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر **** ناھيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2.جاۋاپكار لىن ****، ئەر، خەنزۇ ،**-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 653022****2392 كەسپى: دىھقان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ **** ناھىيە **** يېزا **** كەنىت **** يولى **-نومۇر. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.
جاۋاپكار لىن **** 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى قىمارخانا ئېچىش گۇمانى بىلەن **** ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلغان، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر **** ناھيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
3. جاۋاپكار يا****، ئەر، ئۇيغۇر، **-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 653022197***8 كەسپى: دىھقان، ساۋاتسىز ، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ **** ناھىيە ** يېزا ** يولى *-مەھەللە *-نۇمۇر، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.
جاۋاپكار يا**** 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى قىمارخانا ئېچىش گۇمانى بىلەن **** ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلغان ،2019-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر **** ناھيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
4.جاۋاپكار ئا****، ئەر، ئۇيغۇر، **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 653123****1153 كەسپى: دىھقان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ *** ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت *-مەھەللە *-نۇمۇر، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.
جاۋاپكار ئا**** 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى قىمارخانا ئېچىش گۇمانى بىلەن **** ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلغان ،2019-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىزنىڭ قولغا ئالماسلىق قارارىغا ئاساسەن **** ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر كىپىلدە.
5.جاۋاپكار ئە****، ئەر، ئۇيغۇر، **-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 653022***2379، كەسپى: دىھقان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ **** ناھىيە **** يېزا **** كەنىت **** يولى *-نومۇر، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.
جاۋاپكار ئە**** 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى قىمارخانا ئېچىش گۇمانى بىلەن **** ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلغان ،2019-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىزنىڭ قولغا ئالماسلىق قارارىغا ئاساسەن **** ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر كىپىلدە.
6.جاۋاپكار قە**** ،ئايال، ئۇيغۇر ،**-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 653022***2547 كەسپى: دىھقان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ **** ناھىيە **** يېزا ** ئەتىرەت** يولى *-نومۇر *-بىنا *-كورپۇس *-ئۆي ،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.
جاۋاپكار قە**** 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى قىمارخانا ئېچىش گۇمانى بىلەن **** ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر كىپىلدە.
**** ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى جاۋاپكار غ***لارنىڭ قىمارخانا ئېچىش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرىلاشتۇرۇپ مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلەشكە يوللىغان.
تەكشۈرۈپ ئېنقلشمزچە :
1. جاۋاپكار غ**** 2013-يىلى 10-ئايدىن 2016-يىلى 3-ئايغىچە، **** ناھىيە **** يېزا ** دىھقانچىلىق مەيدانى *-پاختا زاۋۇتىنىڭ ئۇدۇلىغا توخۇ سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش ئورنى ئاچقان بولۇپ، بۇ جەرياندا توخۇ سوقۇشتۇرۇش ئورنىنىڭ ئىچىدىكى بىر ئېغىز ئۆينىڭ ئىچىدە باشقىلارنى قىمار ئويناشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاساسلىقى يا** ھى** (ئۆلۈپ كەتكەن) قاتارلىقلارنى باشقىلار ئوينىغان قىماردىن چوتا ئايرىشقا سالغان، ئۆزى قىمارخانىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئەتراپنى كۆزەتكەن، بۇ كىشلەرنىڭ كۈنلىكىگە 75 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە ئىش ھەققى بېرىپ ئىشلىتىپ، بۇ قىمارخانىدا قىمار ئوينىغانلاردىن 300 يۈەن ئۇتقان كىشىدىن 10 يۈەن ھىسابلاپ چوتا ئېلىپ، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ 50000 يۈەن ئەتراپىدا قانۇنسىز تاپاۋەتكە ئېرىشكەن.
2016-يىلى 3-ئايدا، **** ناھىيە يەر باشقۇرۇش ئىدارىسى غ****نىڭ بۇ توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانىنى قانۇنسىز سېلىنغان قۇرلۇش دەپ چېقىۋەتكەن، شۇنىڭدىن كىيىن جاۋاپكار غ**** 2016-يىلى 6-ئايدىن 2016-يىلى 9-ئايغىچە ئۆزىنىڭ **** ناھىيە **** يېزا ** دىھقانچىلىق مەيدانى *-ئەترەتتىكى 50 مو يېرى بار جىگىدىلىككە 12 قېتىم باشقىلارنى قىمار ئويناشقا ئويۇشتۇرۇپ، ئۆزى 300 يۈەن ئۇتقان كىشىدىن 10يۈەن ھىسابلاپ چوتا ئېلىپ، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ 2500 يۈەن ئەتراپىدا قانۇنسىز تاپاۋەتكە ئېرىشكەن.
2015-يىلى 10-ئايلاردا جاۋاپكار غ**** ئۆزىنىڭ **** ناھىيە **** يېزا *** دىھقانچىلىق مەيدانى 4-ئەترەتتىكى ئۆيىدە بىر قېتىم باشقىلارنى قىمار ئويناشقا ئويۇشتۇرۇپ، قىمار ئوينىغان بەش نەپەر ئادەمنىڭ ھەر-بىرسىدىن ئۆي ھەققى دەپ 50 يۈەندىن پۇل ئېلىپ، جەمئى 250 يۈەن قانۇنسىز تاپاۋەتكە ئىرىشكەن.
2. جاۋاپكار غ**** 2019-يىلى 4-ئاينىڭ باشلىرىدا، **** ناھىيە **** يېزا *** دىھقانچىلىق مەيدانى 4-ئەترەتتىكى لىن **** بىلەن لىن ****نىڭ ئۆيىدە قىمار ئوينايدىغانغا مەسلىھەتلەشكەن، غ*** ئادەم يىغىپ 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە لىن ****نىڭ ئۆيىدە ئىلگىرى كىيىن بولۇپ 10 قىتىمدىن ئارتۇق قىمار ئويۇشتۇرغان، قىمار ئوينىغان ھەربىر ئادەم ئۆي ھەققى دەپ لىن ****گە 50 يۈەندىن پۇل بەرگەن، ھەربىر قىتىملىق قىمار سورۇنىدا توك ھەققى ئۈچۈن 100 يۈەن پۇل بەرگەن. جاۋاپكار لىن **** ئۆيىنى غ*** قاتارلىق قىمار ئوينايدىغانلارغا بىرىپ تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ قىمار ئوينىشىغا شەرت شارائىت يارتىپ بەرگەن، بۇ جەرياندا لىن **** 8000 يۈەن ئەتراپىدا قانۇنسىز تاپاۋەتكە ئېرىشكەن. 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 23:30 لەر ئەتراپىدا غ*** قاتارلىق قىمارۋازلار لىن **نىڭ ئۆيىدە قىمار ئويناۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
3.جاۋاپكار يا**** 2013-يىلى 11-ئايدىن 2015-يىلى 10-ئايغىچە جاۋاپكار غ****نىڭ **** ناھىيە **** يېزا *** دىھقانچىلىق مەيدانى *-پاختا زاۋۇتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى توخۇ سوقۇشتۇرۇش ئورنىدا ئىشلىگەن، بۇ جەرياندا غ**نىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە قىمار ئويۇشتۇرۇپ قىمار سورۇنىدا چوتا ئېلىشقا مەسئۇل بولغان، ھەر قېتىملىق قىمار سورۇنىدا كىم 300 يۈەن ئۇتسا شۇنىڭدىن 10يۈەندىن چوتا ئالغان، ئالغان چوتانىڭ ھەممىسىنى غ****قا تاپشۇرغان، غ**** جاۋاپكار يا***نىڭ ھەر قېتىملىق قىمار سورۇنىدىكى ئىش ھەققى ئۈچۈن 100 يۈەندىن 150 يۈەنگىچە پۇل بەرگەن، جاۋاپكار يا*** غ*** ئويۇشتۇرغان قىمار قىمار سورۇنىدىن ئىلگىرى كىيىن بولۇپ جەمئى 30000 يۈەن چوتو ئىلىپ، غ***قا بەرگەن، غ*** ئىش ھەققى ئۈچۈن يا****گە تەخمىنەن 1300 يۈەن بەرگەن.
4.جاۋاپكار ئا**** 2013-يىلى 10-ئايدىن 2014-يىلى 9-ئايغىچە جاۋاپكار غ****نىڭ **** ناھىيە **** يېزا *** دىھقانچىلىق مەيدانى *-پاختا زاۋۇتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى توخۇ سوقۇشتۇرۇش ئورنىدا ئىشلىگەن، بۇ جەرياندا ئاساسلىقى غ***نىڭ توخۇ سوقۇشتۇرۇش ئورنىغا كىرىش بېلىتى سېتىش، تازلىقىنى قىلىش، كاۋاپخانىسىدا كاۋاپچىلىق قىلىش ئىشلىرىنى قىلغان، بۇ جەرياندا غ****نىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە ئۈچ قېتىمدا جەمئى 3500 يۈەن چوتا ئېلىپ، بۇ پۇلنىڭ ھەممىسىنى غ****قا تاپشۇرىۋەتكەن.
5.جاۋاپكار ئە**** 2015-يىلى 1-ئايدىن 3-ئايغىچە جاۋاپكار غ****نىڭ **** ناھىيە **** يېزا *** دىھقانچىلىق مەيدانى *-پاختا زاۋۇتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى توخۇ سوقۇشتۇرۇش ئورنىدا ئىشلىگەن، بۇ جەرياندا ئاساسلىقى غ***نىڭ توخۇ سوقۇشتۇرۇش ئورنىغا كىرىش بېلىتى سېتىش، تازلىقىنى قىلىش، كاۋاپخانىسىدا كاۋاپچىلىق قىلىش ئىشلىرىنى قىلغان، بۇ جەرياندا غ****نىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە ئۈچ قېتىمدا جەمئى 1690 يۈەن چوتا ئېلىپ، بۇ پۇلدىن 10يۈەننى ئوغۇرلۇقچە ئۆزى تىقىۋىلىپ، 1680 يۈەننى غ****قا تاپشۇرىۋەتكەن.
6.جاۋاپكار قە**** 2013-يىلى 3-ئايدىن 2015-يىلى 9-ئايغىچە جاۋاپكار غ****نىڭ **** ناھىيە **** يېزا *** دىھقانچىلىق مەيدانى *-پاختا زاۋۇتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى توخۇ سوقۇشتۇرۇش ئورنىدا ئىشلىگەن، بۇ جەرياندا ئاساسلىقى غ***نىڭ شورپىخانىسىغا قارىشىپ بەرگەن، قاچا قۇچايۇيۇش، قازانغا ئوت قالاش ئىشلىرىنى قىلغان، ھەر قىتىملىق قىمار سورۇنىدا 50-60 يۈەندىن چوتا ئالغان، قىمار سورۇنىدا باشقىلارغا 500 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە پۇل بىرىپ تۇرۇپ 10-20 يۈەن ئۆسۈمىنى ئىلىپ خەجلىگەن، بۇ جەرياندا ئىلگىرى كىيىن بولۇپ جەمئى 30000 يۈەن قانۇنسىز پايدىغا ئىرىشكەن.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا، جاۋاپكار غ**** ئۆزى ئويۇشتۇرغان قىمار سورۇنىدا ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ جەمئى 57930 يۈەن ئەتراپىدا قانۇنسىز تاپاۋەتكە ئېرىشكەن. جاۋاپكار لىن **** 8000 يۈەن ئەتراپىدا قانۇنسىز تاپاۋەتكە ئېرىشكەن. جاۋاپكار يا**** 30000 يۈەن ئەتراپىدا چوتو ئىلىپ 1300 يۈەن ئىش ھەققى ئالغان. جاۋاپكار ئا**** ئۈچ قېتىمدا جەمئى 3500 يۈەن چوتا ئالغان. جاۋاپكار ئە**** ئۈچ قېتىمدا جەمئى 1690 يۈەن چوتا ئالغان، جاۋاپكار قە**** ئىلگىرى كىيىن بولۇپ جەمئى 30000 يۈەن قانۇنسىز پايدىغا ئىرىشكەن.
يۇقارىقى پاكتنى بىكتىشتىكى دەلىل-ئسپاتلار تۆۋەندىكىچە :
1. ماددى ئىسپات
2. يازما ئسپات
3. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى
4. جاۋاپكارنىڭ ئقرارى
5. نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىقلار
مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: جاۋاپكار غ***، لىن ****، يا****، ئا****، ئە***، قە****نىڭ يۇقارقى قىلمىشدىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 303-ماددىسىنىڭ بەلگلمسىگە ئاساسەن قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى شەكىللنىدۇ.
دىلونىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل- ئىسپاتى تولۇق ھەم راس، توپلىنىشى قانۇنلۇق بولۇپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن، جاۋاپكارلارنڭ قىلمىشىنى تونۇش پوزىتسيىسى ياخىشى.
مەھكىمىمىز جاۋاپكارلارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى قىمارخانا ئېچىش جىنايى قىلمىشى بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تېگشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئالاھىدە ئەيپلىدۇق، جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە جازا بېرشڭىزلارنى سورايمىز .
ھۆرمەت بىلەن :
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى **** ناھيلىك
خەلق سوت مەھكىمسگە:
تەپتىش : يالقۇن ماسىماخۇن
تەپتىش : خۇ گې
ياردەمچى تەپتىش : ئەكبەر سادىر
2019- يىلى 12- ئاينىڭ 5-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋاپكار غ***، يا****، لىن ****لەر **** ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق. جاۋاپكار ئا****، ئە***، قە****لار ئائىلسىدە كىپىلدە.
2. جاۋاپكار غ***، لىن **** ئاقلغۇچى تەكلىپ قىلدى، جاۋاپكار يا****، ئا****، ئە***، قە****لار ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلمىدى.
3. دەلىل- ئسپات مۇندەرىجىسى، ئەيىبنامىدىن 33 نۇسقا ج خ دىلوسى بىلەن بىرگە يوللاندى.
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment