乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕XX号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) XX-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار مX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXX، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، ئۇچتۇرپان ناھىيە X يېزا X-كەنىت X-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مXنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دىلونى تېز سوت قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار مX 2019-يىلى X-ئاينىڭ X- كۈنى سائەت 22:30 ئەتىراپىدا X يىزا X-كەنىت X-مەھەللىدىكى دىسكۇ كۇلۇبىغا كىلىپ، تX، سX، تX قاتارلىقلار ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، ئەتىسى سائەت 00:00 ئەتىراپىدا، دىسكۇ كۇلۇبىنىڭ ئەتراپىغا توختىتىپ قويغان ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى Xنۇمۇر تاختىلىق (پەرىقلەندۈرۈش نومۇرى) ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىنى پىراۋىسىز مەسىت ھالەتتە ھەيدەپ قايدۇرۇپ مېڭىشىغا شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان.
باھالاش پىكىرىدە » مXىنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىن 207.98 مىللىگىرام ئىسپىرىت تەكشۈرۈپ چىقىلدى » دەپ يەكۈن چىقارغان.
دېلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ، جاۋابكار مX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار مXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلمسىدىكى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغان. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جاۋابكار مXكە تۆت ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش، قۇشۇمچە 8000.00 يۇەن شىتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
باش تەپتىش: ئەمەر تۇردى
تەپتىش: ئابلەت تۇنياز
2020-يىلى 6-ئاينىڭ17-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى، بىر نۇسقا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسى بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋابكار مXX بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە، ئالاقىلىشىش تىلىفۇن نومۇرى: XXXX
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment