欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(麦某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-25 尘埃 0 comments

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

  ئو ت ئەيىبلەش ( 2020)  -نۇمۇرلۇق                                         

   جاۋاپكار مەXX ، ئەر ، ئۇيغۇر،1979-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:XXXXXXXX 6529221979 ، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئۇنسۇ  ناھىيە X بازىرى X يولىX-قورو ،  تولۇقسىز ئوتتۇرامەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيىسگە ئىگە،   مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 2020-يىلى 3 -ئاينىڭ 8-كۈنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە دىلو تۇرغۇزۇلۇپ،شۇ كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.  

  ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار مەXXنى  خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن  2020-يىلى 6-ئاينىڭ2-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىزجاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋاپكار دىلونى ئاددى تەرتىپتە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى .

    قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

   جاۋاپكارمەXX  2020-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى، سائەت 22.56 ئەتراپىدا، ھاراق ئىچكەندىن كىيىن新NXXXXX نومۇرلۇق كىچىك تىپىتكى ئاپتومۇبىلىنى ھەيدەپ، ئونسۇ  ناھىيە جام بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدىكى يولدا كىتىۋاتقاندا   ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جام بازارلىق ساقچىخانا خادىملىرى تەرىپىدىن بايقالغان.       

   جاۋاپكار مەXXنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئەدلىيىلىك باھالاش يەكۈنىدە  قان تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى  mg/100ml228.42 غايەتكەنلىگى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

   يۇقارقى   پاكىتنى   يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش خۇلاسىسى ، ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش  جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى  تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.       

   مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكارمەXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا  بەلگۈلىمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

   دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بويىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھالەتتە ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلىدۇ، قوشۇمچە ئىشتىراف قويۇلىدۇ»   دەپ بەلگىلەنگەن.

جاۋاپكارمەXXنىڭ جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ.           

   قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋاپكارمەXXنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                        ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                  تەپتىش: كىرەمجان ئۆمەر

                   پۇتۈكچى:ئىزىزجان ئابلەت 

   

                       2020-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى

  قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىر نۇسقا ئاددى تەرتىپ  قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل  ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا  جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى  قاتارلىقلار بىرگە يەتكۈزۈلدى.

(2) جاۋاپكارمەXX  ھازىرئائىلىسىدە كېپىلدە.


Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top