欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(马某某危险驾驶案)

2021-09-25 尘埃 0 comments

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

توقسۇن تەپتىش 1- بولۇم ئەيىپلەش [2020]  113 -نومۇرلۇق

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار :م**، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:1537********652123 تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، تىجارەتچى پارتىيە ئەزاسى، نوپوسقا ئېلىنغان جايى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى: شىنجاڭ ** ناھىيە  ** يېزا ** كەنىت *-ئەترەت **-نۇمۇر، بۇرۇن جازالانمىغان. 

جاۋاپكار م** خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 05-ئاينىڭ 05-كۈنى توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىللككە بېرىلگەن.   

توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار م**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 07–ئاينىڭ 09-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

  مەھكىمىمىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن دېلو پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلار 

     2020-يىلى 04-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 04:05 لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار م** ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە21****新نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى  ھەيدەپ توقسۇن ناھىيە ** بازار بۇرۇنقى ج خ تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە شۇيەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان.ۋەزىپە ئىجراقىلىۋاتقان ساقچىلار جاۋاپكار م**تىن توقسۇن ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ قالدۇرغان ھەمدە ئەدىليەلىك باھالاشقا ئەۋەتكەن.

   2020-يىلى 05-ئاينىڭ 01-كۈنىدىكى شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك تەكشۈرۈپ باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) ****-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدىن جاۋاپكار م**نىڭ ھەر 100مىللىيلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدە 126 مىللىيگىرام ئالكوگىل مىقدارى بارلىقىنى باھالاپ بېكىتتى.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:

دېلو قۇبۇل قىلىشنى تىزىملاش جەدىۋىلى، دېلو تۇرغۇزۇش قارارى، نوپوس ئىسپاتلىقى،دېلونىڭ پاش بۇلۇش جەريانى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار؛  جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلار  .

     يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار م** شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار م**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133–ماددىسىنىڭ بىرىنچى مەزمۇنىغا خىلاپ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راست بولۇپ، جاۋاپكار م**نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىنى تەدبىقلاشقا تىگىشلىك بولۇپ، جاۋابكارغا 1 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ 2ئاي كىچىكتۇرۇش قوشۇمچە 2000 يۈەن شتراف قويۇش تەكلىپى بېرىمىز.  

شۇڭا، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسى،214-ماددىلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن:

تەپتىش:رەيھانگۇل كىرەم

             2020- يىلى 07-ئاينىڭ 14-كۈنى

قۇشۇمچە: 

1.جاۋاپكار م** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.

2.دىلو ج خ توپلىمى بىر توپلام، تەپتىش توپلام بىر توپلام  بىرگە يوللاندى.

3.«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى» 1 نۇسخا بىرگە يوللاندى .

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top