欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某盗窃案)

2021-09-21 尘埃 0 comments

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

          پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 190-نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

    جاۋابكار: ئاXX، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2815******65212219، پىچان ناھىيە ** بازار ** مەھەللە **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق،  باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن  پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 4 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلگەن؛ 2017 -يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن ئىدىقۇت رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 1 يىل 3 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلگەن. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىممىز تەرىپىدىن  قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن .

    پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئاXXنىڭ ئۇغۇرلۇق دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبوريەتلېرىنى ئۇقتۇردۇق، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

  مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلېرىنى ئېنىقلاپ چىقتى:  

1. 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتە، جاۋاپكار ئاXX ئۆزى يالغۇز ئۇغۇرلۇق قىلىشنى پىلانلاپ، پىيادە پىچان ناھىيە بازىرى ** ئائىلىكلەر قورۇسى **-نۇمۇردىكى زىيانلانغۇچى جاڭ XXنىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ، ئۆيدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قورونىڭ يان تىمىدىن ئارتىلىپ ئۇغۇرلۇققا چۈشۈپ، ھويلىدىكى بىر ئېغىز ئۆينىڭ دەرىزىسىنى قۇلى بىلەن ئىتتىرىپ ئىچىپ، دېرىزە ئارقىلىق ئۆي ئىچىگە كىرگەن ھەمدە ئۆيدىكى كىيىم ئىشكابىنى ئاختۇرۇپ ئىچىدىن 2150 يۈەن نەق پۇل ، 9.16گراملىق ، بىردانە، 2198 يۈەن قىممىىتىدىكى، سېرىق ئالتۇن ئۈزۈك،بىردانە «**» ماركىلىق خاتىرە كومپىيۇتىر قاتارلىق پۇل-ماللارنى  ئۇغۇرلاپ، **شەھىرىگە ئىلىپ بېرىپ  زەھەرلىك چىكىملىككە تىگىشىپ چىكىپ تۈگەتكەن.

2.-2017 يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتە ، جاۋاپكار ئاXX ئۆزى يالغۇز  ئۇغۇرلۇق قىلىشنى پىلانلاپ ،新A*****   نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپ، پىچان ناھىيە** بازىرى ** مەھەللىسى **-گۇرۇپپىغا  كىلىپ، شۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى دۇXXنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆينىڭ كەينى تىمىدىن ئارتىلىپ ئۇغۇرلۇققا چۈشۈپ ، ئۆينىڭ ئىچىنى ئاختۇرۇپ، بىر دانە 160 يۈەن قىممىتىدىكى ياشانغانلار ئىشلىتىدىغان يان تىلفوننى ئۇغۇرلاپ ئىلىپ چىقىپ كەتكەن.

3. 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتە، جاۋاپكار ئاXX ئۆزى يالغۇز ، ئۇغۇرلۇق قىلىشنى پىلانلاپ ،新A****  نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپ، پىچان ناھىيە ** بازىرى  ** مەھەللە **-گۇرۇپپىغا كىلىپ ،شۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ۋۇ XXنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ،ئۆينىڭ كەينى ئىشكىنى ئىتتىرىپ  ئۇغۇرلۇققا كىرىپ،ئۆيىنى ئاختۇرۇپ  64 يۈەن قىممىتىدىكى، بىر دانە، ئاق رەڭلىك، توكداننى ئۇغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن.

4. 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتە، جاۋاپكار ئاXX ئۆزى يالغۇز  ئۇغۇرلۇق قىلىشنى پىلانلاپ ،新A**** نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپ، پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپپىغا بېرىپ، شۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى دەيXXنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كەينى ھويلىدىن ئارتىلىپ ئۇغۇرلۇققا چۈشۈپ ، ياتاق ئۆيىنىڭ دېرىزىسىنى بۇزۇپ كىرىپ  ئۆينى ئاختۇرۇپ،  بىر دانە ، ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلىدىغان ئېلېكترونلۇق **ئۇغۇرلاپ ئىلىپ چىقىپ كەتكەن.

5. 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتە، جاۋاپكار ئاXX ئۆزى يالغۇز ، ئۇغۇرلۇق قىلىشنى پىلانلاپ ،新A*****  نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپ، پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپپىغا كىلىپ، شۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى جاۋ XXنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ،كەينى ھويلىسى ئارقىلىق ئۇغۇرلۇققا چۈشۈپ ، ئۆينىڭ ئىشىكىنى بۇزۇپ كىرىپ، ئۆينىڭ ئىچىنى ئاختۇرۇپ ھېچ نەرسە تاپالماي قۇرۇق قول چىقىپ كەتكەن. 

6. 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتە ،جاۋاپكار ئاXX ئۆزى يالغۇز  ئۇغۇرلۇق قىلىشنى پىلانلاپ ، 新A*****  نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپ، پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپپىغا كىلىپ، شۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى كۇڭ XXنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھويلىنىڭ تىمىدىن ئارتىلىپ ئۇغۇرلۇققا چۈشۈپ ،ئۆينىڭ ئىچىنى ئاختۇرۇپ ھېچ نەرسە تاپالماي قۇرۇق قول چىقىپ كەتكەن .

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: 

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2.زىيانغا ئۇچۇرغۇچىلارنىڭ بايانى ؛3. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. مال-باھا باھالاش يەكۈنى؛ 5. نەق مەيدان ئىنىقلاش ،تەكشۈرۈش خاتىرە ،خەرىيتە ۋە سۈرەتلېرى قاتارلىقلار بار.  

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئاXX ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ئاXXنىڭ دۆلىتىمىز قانونلېرىنى كۆزگە ئىلماي، قانونسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ،ئۆزى يالغۇز 6 قېتىم دېلو سادىر قىلىپ،ئۆيىگە كىرىپ ئۇغۇرلۇق قىلىپ ، پۇقرالارنىڭ 4572 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ھالدا ئىلۋالغان قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھوريىتى جىنايى ئىشلار قانونى» نىڭ 264-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ قىلمىشىدىن ئۇغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋاپكار ئاXX تەكرار جىنايەتچى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 65-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە ئېغىر جازا بېرىشقا تىگىشلىك. جاۋاپكارنىڭ ئۇغۇرلۇق جىنايىتىگە بېرىلدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا: 3يىلدىن تۈۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى  ۋە قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش جازاسى.

جاۋاپكار ئاXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن ، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئاXXغا مۇددەتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسى بېرىش ، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش جازا  تەكلىپىنى بېرىدۇ.

جاۋاپكار ئاXXنىڭ ئۇغۇرلۇق جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن:

   تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا

    2020-يىلى4-ئاينىڭ 17-كۈنى

ئىزاھات:    

   1. جاۋاپكار ئاXX  ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە،تېلىفۇن نومۇرى:186********.

 2. ج خ دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 18نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top