شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش 〔2020〕709-نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار ئاx،ئەر،ئويغۇر،1993-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى : **********6529231993،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق،كۇچا شەھىرىدىن،نۇپۇس تۇرۇشلۇق جايى: كۇچا شەھەر***بازىرى**** كەنت **-گوروپپا ***-نۇمۇرلۇق قورو، ھازىرقى ئولتۇرغى: ئۈرۈمچى شەھەرى ** رايۇنى ****-ئولتۇراق رايۇنى ***-بىنا***-كورپۇس ****-ئۆي، ئىلگىرى جازالانمىغان،ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى04-ئاينىڭ12- كۈنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕242- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان جاۋابكار ئاxىنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى6- ئاينىڭ 16-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق،دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كۆردۈق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
جاۋابكار ئاx 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 05-كۈنى سەھەر سائەت 06:30 ئەتراپىدا،ئوغۇرلۇق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە،كۇچا شەھەر پىيادىلەر**- بازىرى جەنۇبىي ئىشىك يېنىدىكى*** كاۋاپخانىسى ئالدىدىكى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغا توختۇتۇپ قويغان زىيانلانغۇچى ئەxنىڭ 新N***نۇمۇرلۇق ماشىنا ئىچىدە ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ زxنىڭ 5400 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە ئالما 11تىپلىق يانفۇن ۋە 99يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە ئالما 6Sتىپلىق يانفۇننى ئوغۇرلاپ كەتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىمەك، جاۋابكار ئاxىنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكارنىڭ بېكىتكەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار ئاxىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددا1-تارماق،67-ماددا3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : ئەنۋەر ئەخمەت
2020-يىلى7-ئاينىڭ 9-كۈنى
قوشۇمچە :
1) جاۋابكار ئاxئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن ھازىر ئائىلىسىدە .
2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى،9 نۇسخا ئەيىبنامە ،جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment