欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某盗窃案)

2021-09-25 尘埃 0 comments

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                        ئا ش ت ئەيىبلەش ( 2019 )6 -نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

     جاۋاپكار ئاXX، ئەر، ئۇيغۇر، 18ياش، كىملىك نۇمۇرۇى: XXXXXXXX6532222000، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئۇقۇغۇچى، توختۇتۇپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ XX ناھىيسى XX يېزىسى XX كەنىت XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان.2019-يىلى 3-ئاينىڭ 18–كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن توختۇتۇپ قۇيۇلغان، شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان، ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .

    ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋاپكارغا ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇختۇرۇپ قويۇلدى.

  قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

  2019-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 00:30لەر ئەتراپىدا،جاۋاپكار ئاXX ئاقسۇ شەھىرى XXيولىXX كۆڭۈل ئېچىش ئورنىغا كىرىپ ھاراق ئىچىش جەريانىدا، ئىككىنچى قەۋەت 2-نومۇرلۇق ئۈستەلدە ھاراق ئىچىۋاتقان زىيانلانغۇچى يەXXنىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 7040يۈەن قىممىتىدىكى ئالما X يانغۇننى ئوغۇرلاپ قېچىپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن.

     يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى،   زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ، ئېنىقلاش -تەكشۈرۈش خاتىرىسى ، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

     مەھكىمىمىز جاۋابكار ئاXXنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگەخىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، شۇڭا جاۋابكار ئاXXنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 172-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، جاۋابكار ئاXXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايتىگە مۇددەتلىك 7 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىش قۇشۇمچە 4مىڭ يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بېرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ  176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق، جاۋابكار ئاXXنى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15- ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە ئاددى تەرتىپىنى قوللۇنۇپ ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن تەكلىپ بېرىمىز. 

تەپتىش: پەرھار چۇۋار

مۇۋاققەت تەپتىش: ئابدۇسالام تۇرسۇن

-2019يىلى  -8ئاينىڭ  27- كۈنى

ئىزاھات:

 1. جاۋابكار ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق

 2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى،  جازاغا قايىل بولۇش تىل خېتى ، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top