ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020)110 –نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، 2000-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6541012000، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ مەلۇماتلىق.مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: **شەھەر ** يولى **-كوچا **-نومۇرلۇق قورۇدا. ئۈرۈمچىدە مۇقىم تۇرۇشلۇق ئورنى يوق. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى جاۋابكار ئا** ئوغرىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق دەپ توردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى جاۋابكار ئا**، چاڭشا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيەن شىن رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسى پو زى جىي ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى ئۆتكۇزۋېلىپ 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېلىنىپ، 2020-يىلى1-ئاينىڭ 14- كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 23-كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئا**نىڭ ئوغۇرلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 5–ئاينىڭ 21-كۈنى قايتا قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. دىلونى بىر قېتىم تولۇقلاشقا قايتۇردۇق.2020-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە 15 كۈن ئۇزارتتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
1 ) 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 20:50 لەر ئەتراپىدا جاۋابكار ئا**، سە**(تۇتۇلمىغان)بىلەن ئوغىرلىق قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ **شەھەر **رايونى ** يولىدا ** كىنوخانىسى تەرەپتىن**كومپيۇتېر شەھەرچىسى تەرەپكە قاراپ مېڭىپ كېتىۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋېي**ننىڭ چاپنىنىڭ يانچۇقىدىن 1950يۇەن قىممىتىدىكى بىر دانە قارا رەڭلىك ئالما 8-ئەۋلاد تېلفۈننى سە**(تۇتۇلمىغان)ئوغىرلىغان،جىنايەت گۇماندارى ئا** يېنىدا ئادەمگە قاراپ بەرگەن.تېلفۇننى سېتىپ پۇلنى تەڭ خەجلەپ تۇگەتكەن.
2) 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 21لەر ئەتراپىدا جاۋابكار ئا**، سە**(تۇتۇلمىغان) بىلەن ئوغىرلىق قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ **شەھەر **رايونى ** كىنوخانىسى تەرەپتىن **تەرەپكە قاراپ مېڭىپ كېتىىۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لو **نىڭ چاپان يانچۇقىدىن 3000يۇەن قىممىتىدىكى بىر دانە ئالتۇن رەڭلىك ئالما 8-ئەۋلاد پىلاس تېلفۈننى سە**(تۇتۇلمىغان)ئوغىرلىغان،جىنايەت گۇماندارى ئا** يېنىدا ئادەمگە قاراپ بەرگەن.تېلفۇننى سېتىپ پۇلنى تەڭ خەجلەپ تۇگەتكەن.
جاۋابكار ئا** 2 قىتىملىق ئوغۇرلۇققا قاتناشقان بولۇپ ئومۇمىي قىممىتى 4950يۈەن زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنمىگەن.
جاۋابكار ئا** 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى چاڭشا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيەن شىن رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسى پو زى جىي ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ تىيانشان رايۇنلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسىگە ئۆتكۇزۇپ بەرگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئا**نىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛
2.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛
3. جاۋابكار ئا**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار:جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى؛ دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنى، دىلۇنى يۈزلەشتۈرۈش خاتىرىسى؛
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئا**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، شەخسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مېلىنى يوشۇرۇن ئوغىرلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان
2020–يىلى 7–ئاينىڭ 1–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1.جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا؛
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش ماتىرىيال توپلىمى3 توپلام بىرگە يوللاندى؛
3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىبى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى؛
4.جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment