欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某危险驾驶案)

2021-09-23 尘埃 0 comments

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 316-نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋابكار ئاxx، ئەر، ئۇيغۇر، 31 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011989xxxxxxxx،يۇرتى: ئاقسۇ شەھرى، ئاقسۇ شەھەر xx يېزا xx-كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانغان ) 2010-يىل 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋۇخەن شەھرى xx رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 8 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن. 2014-يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋۇخەن شەھرى xx رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق يانچۇقچىلىق) جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 9 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن. 2016-يىل 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ 2016-يىل 11-ئايدا جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن) 2019-يىل -10ئاينىڭ -21كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، -2020يىل -3ئاينىڭ -22كۈنى(2020) 1559-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

جاۋابكار ئاxx جاۋابكار ئاxx 2019-يىل 10-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە ھاراق ئىچكەندىن كىيىن سائەت 23:45 لەر ئەتىراپىدا ئاقسۇ شەھەر xx يېزا xx-كەنىتكە توختۇتۇپ قويغان 新N7xxxx نۇمۇرلۇق ماشىننى پىراۋىسىز مەس ھالەتتە ھەيدەپ-xxنۇمۇرلۇق تاشيولنىڭ 20 كىلومىتىرلىق بۆلىكىگە كەلگەندە يولنىڭ قىرغىقىدىكى لىكدەيگە كىرىپ كەتكەن. يولدا چالاش ۋەزىپىسى ئىجىرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكىدىن گۇمان قىلىنىپ قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 207.44 مىللىگىرام (207.44mg/100ml)ئىكەنلىكى ئىنىقلانغان بۇلۇپ، مەس ھالەتتە پىراۋىسىز ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئاxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى توللۇق. ئۇنىڭ قىلمىشى يەنە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا جاۋاپكار ئاxxگە خەتەرلىك شوپۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن 3 ئاي15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەكە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 8000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بېرىشكە تەكلىپ بېرىپ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق .

تەپتىش : ھۈسەنجان موللىمىن

مۇۋەققەت تەپتىش : ئابدۇسالام تۇرسۇن

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى

ئىزاھات :

‹1جاۋابكار ئاxx كېپىلگە بېرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە ،تېلفۇن نۇمۇرى : 1573928xxxx

2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە، جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top