توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
توقسۇن تەپتىش 1- بولۇم ئەيىپلەش [2020] 143 -نومۇرلۇق
توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار ئا** ، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:1511********652123تىجارەتچى، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،ئامما ،نوپوسقا ئېلىنغان جايى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى: توقسۇن ناھىيە ** يىزا ** كەنت *- ئەتىرەت ***- نۇمۇر،بۇرۇن جازالانمىغان.
جاۋاپكار ئا** خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىللككە بېرىلگەن.
توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار ئا**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 09–ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن دېلو پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتلار
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 05-كۈنى سائەت 20:30لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار ئا** ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە12****新نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى ھەيدەپ توقسۇن ناھىيە ** يېزا ** كەنىت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە م** مىنگەن ئىككى چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن.ۋەزىپە ئىجراقىلىۋاتقان ساقچىلار نەق مەيدانغا بارغاندىن كىيىن جاۋاپكار ئا**دىن توقسۇن ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ قالدۇرغان ھەمدە ئەدىليەلىك باھالاشقا ئەۋەتكەن.
2019-يىلى12-ئاينىڭ13-كۈنىدىكى شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك تەكشۈرۈش باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)9113- نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدىن جاۋاپكار ئا**نىڭ ھەر ml100 قېنىنىڭ تەركىبىدە mg 158 ئالكوگىل مىقدارى بارلىقىنى باھالاپ بېكىتتى.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
دېلو قۇبۇل قىلىشنى تىزىملاش جەدىۋىلى، دېلو تۇرغۇزۇش قارارى، نوپوس ئىسپاتلىقى،دېلونىڭ پاش بۇلۇش جەريانى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار؛ جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلار بار .
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئا** شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ئا**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133–ماددىسىنىڭ بىرىنچى مەزمۇنىغا خىلاپ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راست بولۇپ، جاۋاپكار ئا**نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىنى تەدبىقلاشقا تىگىشلىك بولۇپ، جاۋابكارغا 2 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ 3 ئاي كىچكىتۇرۇش قوشۇمچە 4000 يۈەن شتراف قويۇش تەكلىپى بېرىمىز.
شۇڭا، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسى،214-ماددىلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش:ئەنۋەر ئەخمەت
2020- يىلى 09-ئاينىڭ 17-كۈنى
قۇشۇمچە:
1.جاۋاپكار ئا** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.
2.دىلو ج خ توپلىمى بىر توپلام، تەپتىش توپلام بىر توپلام بىرگە يوللاندى.
3.«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى » 1 نۇسخا بىرگە يوللاندى .
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment