شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
XX شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىپلەش چىقىش (2019) 2639 – نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار XX، ئەر، ئۇيغۇر، 21 ياش، كىملىك نۇمۇرى: XXXX6529011998، يۇرتى: XX شەھەرى، ئولتۇرۇغى XX شەھەر XX يېزا XX-كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ئىشچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019– يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى (2019) 609 -نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار XX 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى دوستىلىرىدىن XX، XX قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچىپ كەچ سائەت 23:30 لەر ئەتىراپىدا XX شەھەر XXنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قۇيغان 新NXXXX نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ ئاقسۇ شەھەر پىيادىلەر كوچىسىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا ماشىنىنى توختىتىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ تۇرغاندا، شۇ ئەتىراپتىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار XXنىڭ 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 152 مىللىگىرام((152mg/100ml بۇلۇپ، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش خۇلاسىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار XXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق. جاۋابكارغا خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-تارماق بەلگىلىمسى بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك. جاۋابكارنىڭ قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكارغا بىر ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش، قۇشۇمچە 3000 يۈەن جەرىمانە قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش :XX
تەپتىش : XX
2019- يىلى 8- ئاينىڭ 30-كۈنى
1› جاۋابكار ئائىلىسىدە كىپىلدە، تىلفون نۇمۇرى: XXXX15292
2> 8 نۇسقا ئەيىبنامە ، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايەتنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىل خېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment