تۇرپان شەھىرى
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئى ر ت ئە چىقىش (2020) 29 - نومۇرلۇق
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار ئا، XXئەر، ئۇيغۇر، 1993-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى6521011993********نوپوسىدىكى ئادرىسى: تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايۇنى ** يېزا ** كارىز كەنىت- **گۇرۇپپا -**نۇمۇرلۇق ئۆي، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، بۇرۇن جازالانمىغان. ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر جەمىيەتتە.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار ئاXXنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانون بويىچە سوراق قىلىپ، دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق، جاۋاپكار ئادەتتىكى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز قانون بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە :
2019-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 01:00لەر ئەتراپىدا، جاۋاپكار ئاXX پىراۋىسىز ھالدا، ھاراق ئىچكەندىن كىيىن 新K*****نۇمۇرلۇق ماشىنىنى، ئىدىقۇت رايون **يېزا **كەنىت يولىدا جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ ھەيدەپ كىتىپ بارغاندا، شۇ جايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ [2019]7248- نۇمۇرلۇق ئىسپىرت تەركىبىنى ئانالىز قىلىش دوكىلاتىدا :«ئاXXنىڭ ھەر يۈز مىللىمىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىتىل ئالكاھولنىڭ مىقدارى 156 مىللىگىرام>> دىيىلگەن.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : تەرتىپ جەھەتتىكى ئىسپاتلار؛ جاۋابكارنىڭ ئىقرارى؛ گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكىرنامىسى،يازما ئىسپات قاتارلىقلار بار.
جاۋاپكار ئاXXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار ئاXXنىڭ، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا ھەيدەپ ماڭغان قىلمىشىدىن، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكار ئاXXنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 133-ماددىسى بىر مەزمونىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. شۇڭا جاۋاپكارغا 1 ئايدىن يۇقىرى 2 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش، قوشۇمچە شىتراق قۇيۇش تەكلىۋى بېرىمىز. جاۋابكارنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : پاتىگۈل خالىق
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى
قوشۇمچە:
1. جاۋاپكار ئاXX كېپىلدە.
2. دىلونىڭ ج خ ئارخىبى 2 توپلام، تەپتىش ئارخىبى 1 توپلام، ئەيىبنامىسى 16 نۇسخا، بىر دانە دېسكا قاتارلىقلار بىللە يوللاندى.
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment