欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(艾某某危险驾驶案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-24 尘埃 0 comments

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕312号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

 ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                            ئو ت ئەيىبلەش ( 2020)     -نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار ئەXX، ئەر ، ئۇيغۇر، 1985-يىلىX-ئاينىڭ                                                             X-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6529221985، شىنجاڭ ئۇنسۇ  ناھىيە  X بازىرىX كەنت X-مەھەللە X-قورودا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان ،تولۇقىسز توتتۇرا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيسگە ئىگە ،ئىلگىرى جازلانمىغان ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن  2019-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۇنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە دىلو تۇرغۇزۇلۇپ،شۇ كۈنى تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.  

  ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ئەXXنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز  جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۇل دىلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ كۆردۇق، جاۋاپكار دىلونى  ئاددى تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .

    قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:

   جاۋاپكار ئەXX 2019-يىلى8-ئاينىڭ 29-كۇنى  چۈشتىن كىيىن  سائەت16:40 ئەتراپىدا، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن  پىراۋىسىز ھالدا新N  XXXX نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ ئونسۇ ناھىيە تۇمشۇق   بازار چۇدار كەنت 1-مەھەللە يولىدا كېتىۋاتقاندا موتىسىكىلىت يول ياقىسىدىكى دەرەخقە سوقۇلۇپ يىقىلىپ چۈشۈپ،مەھەللە چارلاش خادىملىرى تەرىپىدىن دىلو مەلۇم قىلىنغان. جاۋاپكار ئەXXنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئەدىلىيىلىك باھالاش يەكۈنىدە قان تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى  mg/100ml186.63غايەتكەنلىگى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

     يۇقارقى   پاكىتنى   يازما ئىسپات،  جاۋابكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى،باھالاش خۇلاسىسى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

 يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش  جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى  تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

 مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئەXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا  بەلگۈلىمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بۇيىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھالەتتە ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلىدۇ، قۇشۇمچە ئىشتىراف قۇيۇلىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.

جاۋاپكار ئەXXنىڭ  جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ.     قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۇن،جاۋاپكار ئەXXنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

       ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                                      تەپتىش: كىرەمجان ئۆمەر

                                         پۇتۈكچى:ئىزىز ئابلەت 

   

                                     2020-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى

  قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىر نۇسقا ئاددى  تەرتىپ  قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل  ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا  جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى  قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.

(2) جاۋابكار ئەXX ھازىرئائىلىسىدە، تېلىفۇن: XXXXXXXXXXX

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top