شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت ئەيىبلەش چىقىش 〔2019〕7742- نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار ئەX، ئەر، ئۇيغۇر،1989-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ******** 6543211989. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، شىنجاڭ ئالتاي شەھىرىدىن ، نوپۇس تۇرۇشلۇق جايى: ئالتاي شەھىرى **يولى ئىش باشقارمىسى ** يولى **- دوم**-نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانغان(2016- يىلى 11- ئاينىڭ22- كۈنى كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 8 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان).
ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كۇچا ناھىيىلىك قاماقخانىغا جىنايى ئىشلار بۇيىنچە توختىتىلىپ قۇيۇلۇپ، 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستقلىشى بىلەن كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان، ھازىر كۇچا ناھىيلىك قاماقخاندا قاماقتا.
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2019〕741-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان جاۋاپكار ئەXنىڭ ئالدامچىلىق جىنايى دېلوسىنى 2019-يىلى11-ئاينىڭ 12–كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. دىلو بېجىرىشى سۈرۈكى 15 كۈن ئۇزارتىلدى. دېلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
‹1› جاۋاپكار ئەX باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە 2019- يىلى**- ئاينىڭ**-كۈنى كۇچا ناھيە ** ئولتۇراق رايۇنىنىڭ يېندىكى بىر ** دۇكىنىدا زىيانلانغۇچى شXقا ئۆزىنى« مەن كۇچا ناھىيە ** بازىرىدىكى يىڭىدىن سېلىنۋاتقان ** ئۆي سېتىش بۆلۈمىدە ئشلەيمەن، يېقىندا بىز سېتىۋاتقان ** بازىرىدىكى بىر دۇكاننىڭ خېرىدارنىڭ ئۆيىدە قىيىنچلىق تارتىپ قېلىپ بۇ دۇكانىنى ئالالمايدىكەن، سىز 20مىڭ يۈۋەن پۇل چىقارسىڭىز مەن بۇ دۇكانىنى ئۈچ كۈندە سىزنىڭ نامىڭىزىغا يۆتكەپ بولغاندىن كىيىن، بىر قانچە كۈن ئۆتكۈزۋېتىپ، بىز بۇ دۇكانىنى سېتىۋەتسەك 20مىڭ يۈۋەن پايدا قالىدۇ، بۇ ئىش ئىشەنچىلىك ئىش» دەپ شXنى ئىشەندۈرۈپ، شۇ كۈنى شXتىن 20مىڭ يۈۋەن نەق پۇلنى ئالغاندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى شX بىر قانچە قېتىم جاۋاپكار ئەXغا تىلفۇن قىلىپ دۇكان قانداق بولدى دەپ سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، جاۋاپكار ئەX ئاز قالدى، ساقلاپ تۇرۇڭ دەپ ھەر خىل باھانە سەۋەپلەرنى كۆرسۈتۈپ شXنىڭ 20مىڭ يۇەن پۇلنى ئالداپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندا 10مىڭ يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، قالغان 10مىڭ يۈۋەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
‹1› جاۋاپكار ئەX باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە 2019-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى زىيانلانغۇچى ئاX بىلەن تۇنۇشقاندىن كىيىن، ئۆزنى تۇنۇشتۇرۇپ«مەن ** بازىرىدكى يىڭىدىن سېلىنۋاتقان ئۆي سېتىش بۆلۈمىدە ئشلەۋاتمەن، يېقىندا بىز سېتىۋاتقان ** بازىرىدىكى بىر دۇكانىنى سېتىۋالغان **نىڭ ئۆيىدە قىينچلىق تارتىپ قېلىپ ئچىكىرىگە كەتكەن، بۇندىن كىيىن قايتىپ كەلمەيدىكەن، سەن 10مىڭ يۈۋەن پۇل چىقارساڭ، مەن بۇ دۇكانىنى ئۈچ كۈن ئچىدە سىنىڭ نامىڭغا يۆتكەپ بولغاندىن كىيىن، بىر قانچە كۈن ئۆتكۈزۋېتىپ، بىز بۇ دۇكانىنى سېتىۋەتسەك ھەر بىر كۇۋادىرات مىتىرىدا200 يۈۋەن پايدا قالسمۇ ئاز دىگەندە 10مىڭ يۈەن پايدا قالىدۇ، سەن پايدىنىڭ 60پىرسەنتىنى ئالىسەن، مەن 40پىرسەنتىنى ئالىمەن، بۇ ئش ئشەنچىلىك»دەپ ئاXنى گىپىگە ئىشەندۈرگەندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى تX ئارقىلىق 10مىڭ يۈۋەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى ئاX بىر قانچە قېتىم جاۋاپكار ئەXغا تىلفۇن قىلىپ سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، جاۋاپكار ئەX ئاز قالدى، ساقلاپ تۇرۇڭ دەپ ھەر خىل سەۋەپلەرنى كۆرسۈتۈپ زىيانلانغۇچى ئاXنىڭ10مىڭ يۇەن پۇلنى ئالداپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندا 5 مىڭ يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، قالغان 5مىڭ يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
‹3› جاۋاپكار ئەX باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە 2019- يىلى6- ئاينىڭ 4- كۈنى تۇنۇشى زىيانلانغۇچى گXغا ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇپ«مەن ھازىر كۇچا ناھىيە **ئۆي سىتىش بۆلۈمىدە ئشلەۋاتمەن، مەن ھازىر ئۆي سېتىش بۆلۈمنىڭ ئچىكى باھاسىدا دۇكان ئالالايمەن، شىرىكەت دېرىكتۇرى بىلەن كۆڭلۈم يېقىن، بىز ئىككىمىز 20مىڭ يۈۋەندىن چىقىرىپ بىر دۇكانىنى ئورتاق ئالساق، بىر قانچە كۈندىن كىيىن خېرىدار تېپىپ دۇكانىنى سېتىۋەتسەك بىزىگە كۆپ پايدا قالىدۇ، بۇ ئىش ئشەنچىلىك، ماڭا ئشىنىڭ» دەپ زىيانلانغۇچى گXنى ئىشەندۈرۈپ، زىيانلانغۇچى گX ئىككى قېتىمدا بەرگەن 10900يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى گX بىر قانچە قېتىم ئەXغا تىلفۇن قىلىپ دۇكان قانداق بولدى دەپ سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ ئەX ئاز قالدى، ساقلاپ تۇرۇڭ دەپ زىيانلانغۇچى گXنىڭ 10900مىڭ يۇەن پۇلنى ئالداپ كەتكەن، دىلو پاش بولغاندا 10 مىڭ يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، قالغان 900 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
‹4› جاۋاپكار ئەX باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە 2019- يىلى8- ئاينىڭ 20- كۈنى ئەتىراپىدا كۇچا ناھيە ** ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئالدىدا زىيانلانغۇچى تXغا ئۆزنى تۇنۇشتۇرۇپ« مەن ھازىر كۇچا ناھىيە** ئۆي سىتىش بۆلىمىدە ئشلەۋاتمەن، شىركەت دېرىكتۇرى بىلەن كۆڭلۈم يېقىن، بىر دۇكان بار ئىدى، يېنمىدا 7-8مىڭ يۈۋەندەك پۇل بار، سىلدىمۇ پۇل بولسا مەبلەغ چىقىرىڭلار 3مىڭ يۈۋەن پايدا قالىدۇ، سىلىگە 15پىرسەنىت پايدا ئايرىپ بىرىمەن، ئاۋال دۇكاننى سىلنىڭ نامىڭلىغا يۆتكەپ ئۈچ كۈندىن كىيىن باشقا خېرىدار تېپىپ دۇكانىنى سېتىۋىتىمىز، بۇ ئىش ئىشەنچىلىك» دەپ ئىشەندۈرۈپ، زىيانلانغۇچى تX بەرگەن 1000يۈۋەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، تايىر ياسىن بىر قانچە قېتىم ئەXغا تىلفۇن قىلىپ دۇكان قانداق بولدى دەپ سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ ئەX ئاز قالدى، ساقلاپ تۇرۇڭ دەپ تXنىڭ 1000 يۇەن پۇلنى ئالداپ كەتكەن، دىلو پاش بولغاندا زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
‹5› جاۋاپكار ئەX باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە 2019- يىلى**- ئاينىڭ **- كۈنى زىيانلانغۇچى ئاX بىلەن ئۈنىدىداردا پاراڭلىشش جەرياندا ئۆزنى تۇنۇشتۇرۇپ «مەن ھازىر كۇچا ناھىيە** مىھىمانخانىسنىڭ ئالىدىدىكى ئۆي سېتىش بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتمەن، ئەرزان دۇكان ئېلىپ باشقىلارغا قىمەت دۇكان ساتالايمەن، ھازىر بىر دۇكان ئۇچراپ قالغان، ۋاقتىنى چىڭ تۇتىساق ئۈچ كۈندە دۇكاننى سېتىپ پايدىسنى تەڭدىن بۈلۈشىمىز، بۇ دۇكاننى ئالدىغان خېرىدار بار، ئۈچ كۈندە 10نەچچە مىڭ يۈەن پايدا ئالغىلى بۇلىدۇ، بۇ ئىشەنچىلىك ئىش» دەپ ئاXنى ئىشەندۈرۈپ، زىيانلانغۇچى ئاX بەرگەن 10مىڭ يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ئاX بىر قانچە قېتىم جاۋاپكار ئەXغا تىلفۇن قىلىپ دۇكان قانداق بولدى دەپ سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، جاۋاپكار ئەX ئاز قالدى، ساقلاپ تۇرۇڭ دەپ زىيانلانغۇچى ئاXنىڭ 10مىڭ يۈۋەن پۇلنى ئالداپ كەتكەن، دىلو پاش بولغاندا 5500 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، قالغان 4500 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
‹6› جاۋاپكار ئەX باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە 2019- يىلى8- ئاينىڭ 07- كۈنى زىيانلانغۇچى زX بىلەن ئۈندىداردا پاراڭلىشىش جەرياندا «مەن ھازىر كۇچا ناھيە ** ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئۆي سېتىش بۆلۈمىدە ئشلەۋاتىمەن، يېقىندا بىر دۇكان ئۇقۇشقان باھاسى ئەرزان بىز 10مىڭ يۈۋەن زاكالەت پۇلىسى تۆلەپ بۇ دۇكاننى ئېلىۋالساق بەش كۈنىنىڭ ئچىدە بۇ دۇكاننى باشقىلارغا قىممەت باھادا سېتىپ چىقىرىمىز، ئاندىن قالغان پايدىنى ئىككىمىز تەڭدىن بۈلۈشىمىز، بۇ ئىش ئشەنچىلىك» دەپ زىيانلانغۇچى زXنى ئىشۈندۈرۈپ، زىيانلانغۇچى زX بەرگەن 10مىڭ يۈۋەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى زX بىر قانچە قېتىم ئەXغا تىلفۇن قىلىپ دۇكان قانداق بولدى دەپ سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، جاۋاپكارX ئاز قالدى، ساقلاپ تۇرۇڭ دەپ زXنىڭ 10مىڭ يۈۋەن پۇلنى ئالداپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندا 10مىڭ يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
دىمەك جاۋاپكار ئەXنىڭ 6 قېتىمدا باشقىلارغا پۇل تاپشۇرساڭلار، دۇكاننى سىلەرنىڭ نامىڭلارغا يۆتكەپ بىرىپ پايدا بىرىمەن دەپ باشقىلارنىڭ 61900يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان يۇقارقى قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، ئالاقىدار سۈرەت قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق، بېكىتىشكە بولىدۇ.
مەھكىمىمىز شەخىسلەرنىڭ قانۇنلۇق مال- مۈلكىگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىگىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋاپكار ئەXغا‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 266- ماددا2- تارماق، 65- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە، قانۇن بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ«جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : قاھار ئابدۇراخمان
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى
قوشۇمچە :
1) جاۋابكار ئەX ھازىر كۇچا ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا .
2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى، ئەيىبلەشنامە، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپنامىسى بىرگە يوللاندى .
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment