欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某诈骗案)

2021-09-23 尘埃 0 comments

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش  〔2020〕 370- نومۇرلۇق 

كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار ئېx،ئەر، ئۇيغۇر ، 2001-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : **********6590032001، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ئۆي زىننەتلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شىنجاڭ تۇمشۇق شەھرىدىن،نوپۇس تۇرۇشلۇق جايى ۋە توختۇتۇپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرىكى ئولتۇرغى:شىنجاڭ**-دىۋىزىيە *** شەھرى **-تۈەن**-لىيەن **-كورپۇس***- نۇمۇرلۇق ئۆي،ئىلگىرى جازالانمىغان . 

ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن،2020-يىلى1-ئاينىڭ24- كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان . 2020- يىل 2- ئاينىڭ 27- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان . ھازىر كۇچا ناھىيلىك قاماقخاندا قاماقلىق.

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕150-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار ئېxىنىڭ ئالدامچىلىق جىنايى دېلوسىنى 2020- يىلى4–ئاينىڭ 28-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق،دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كۆردۈق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا  قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

1. جاۋابكار ئېx 2019-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ، باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىدىدە، ئۈندىدار توپىدا ئۆسۈمسىز قەرز بېجىرىمەن، ئالدىن رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ دىگەن مەزمۇندا ئۇچۇر تارقاتقان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى زىيانلانغۇچى تx ئۈندىدار توپىدا، ئېx تارقاتقان ئۇچۇرنى كۆرۈپ، قەرز پۇل بېجىرىش ئۈچۈن ئۈندىدار توپىدىن ئېxىنىڭ ئۈندىدارنى قۇشىۋالغان ۋە ئۇنىڭغا 10 مىڭ يۈەن قەرز پۇل بېجىردىغانلىقىنى دىگەن.  ئېx بېجىرىپ بېرەلەيمەن دەپ، تxگە يانفۇن نۇمۇرى، كىملىك، بانكا كارتىسىنىڭ نۇمۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرنى ئەۋەتكۈزگەندىن كىيىن، قەرز بېجىرىش ئۈچۈن ھىچقانداق مەشخۇلات قىلماي،تxنى ئالداپ پۇلنى ئېلۋېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئون مىڭ يۈەن قەرز پۇل تەستىقلاندى، پۇل تاپشۇرسىڭىز تەستىقلانغان قەرز پۇلنى بانكا كارتىڭىزغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن دەپ ئۈندىدار ئارقىلىق ئۆزىگە پۇل ئەۋەتكۈزۈپ، ئىككى قېتىمدا تxنىڭ جەمئى 1160 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغان، ئېرىشكەن پۇلنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

 2. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى*** ناھىيە ***بازىرى**** كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاx، جىنايەت گۇماندارى ئېxQQ توپىغا چىقارغان يانفۇن سېتىش توغرىسىدىكى ئېلاننى كۆرگەندىن كىيىن،يانفۇن سېتۋېلىش ئۈچۈن ئېxىنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۋالغان ھەم ئېx بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر دانە ئوپپو ماركلىق يانفۇننى 600 يۈەنگە سېتىۋالماقچى بولغان، ئېx، ئاxنى ئالداپ پۇلنى ئېلۋېلىش مەقسىتىدە ، 300 يۈەن زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇش ، قالغان 300 يۈەننى تاپشۇرسا سېتىۋالغان يانفۇننى ئەۋەتىپ بېرىشنى باھانە قىلىپ، ئىككى قېتىمدا ئاxنىڭ جەمئى 600 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغان، ئىرىشكەن پۇلنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن،،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

3. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى *** ناھىيە*** يېزىسى**- كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق ئاxئۈندىدار توپىدا،جىنايەت گۇماندارى ئېx چىقارغان قەرز بېجىرىش توغرىسىدىكى ئېلاننى كۆرگەندىن كىيىن، ئاx قەرز بېجىرىش ئۈچۈن ئېxىنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۋالغان ھەم ئېx بىلەن ئالاقىلىشىپ 20 مىڭ يۈەن سوممىسىدا قەرز بېجىرمەكچى بولغان. ئېx، ئاxنى ئالداپ پۇلنى ئېلۋېلىش مەقسىتىدە، رەسىمىيەت ھەققى، كارتىنى قوزغىتىش ھەققى،باج پۇلى تاپشۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەرنى باھانە قىلىپ، جەمئى توققۇز قېتىمدا ئاxنىڭ جەمئى 3515 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغان، ئىرىشكەن پۇلنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

4. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ** شەھىرى*** يېزا *** كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاxئۈندىدار دوسلار چەمبىرىكىدە، جىنايەت گۇمانداىرى ئېx چىقرىپ قويغان قەرز بېجىرىش ۋە ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىش توغرىسىدىكى ئېلاننى كۆرگەندىن كىيىن،ئاx ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىش ئۈچۈن ئېxىنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۋالغان ھەم ئېلى تۇردىغا ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرمەكچى بولغانلىقىنى دىگەن. ئېx، ئاxنى ئالداپ پۇلنى ئېلۋېلىش مەقسىتىدە ، رەسىمىيەت ھەققى ئېلىشنى باھانە قىلىپ، ئاxنىڭ 400 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغان. ئىرىشكەن پۇلنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

5. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ***شەھەر **** يولى *** ئىجتىمائى رايۇندا ئولتۇرۇشلۇق زx ئۈندىدار دوسلار چەمبىرىكىدە، جاۋابكار ئېx ئۈندىدار توپىدا تارقاتقان، توردا قەرز بېجىرىش توغرىسىدىكى ئېلاننى كۆرگەندىن كىيىن، زx قەرز بېجىرىش ئۈچۈن ئېxىنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۋالغان ھەم ئېxىغا  10 مىڭ يۈەن قەرز بېجىرمەكچى بولغانلىقىنى دىگەن. ئېx، زxنى ئالداپ پۇلنى ئېلۋېلىش مەقسىتىدە ، رەسىمىيەت ھەققى ئېلىشنى باھانە قىلىپ، جەمئى تۆت قېتىمدا زxنىڭ جەمئى 1100 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغان. ئىرىشكەن پۇلنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

6. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ***شەھەر **** بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئەx ئۈندىداردا، جاۋابكار ئېx تارقاتقان، توردا قەرز بېجىرىش توغرىسىدىكى ئېلاننى كۆرگەندىن كىيىن، ئەx قەرز بېجىرىش ئۈچۈن ئېxىنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۋالغان ھەم ئېxىغا  10 مىڭ يۈەن قەرز بېجىرمەكچى بولغانلىقىنى دىگەن. ئېx، ئەxنى ئالداپ پۇلنى ئېلۋېلىش مەقسىتىدە ، رەسىمىيەت ھەققى ئېلىشنى باھانە قىلىپ، ئەxنىڭ جەمئى 500 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغان. ئىرىشكەن پۇلنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

7. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرىدا،**** شەھەر **** يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئەxئۈندىدار توپىدا، جاۋابكار ئېx تارقاتقان، جى فۇ باۋدىن قەرز پۇل بېجىرىپ بېرىمەن لازىملار ئالاقىلىىشڭلار دىگەن مەزمۇندىكى ئېلاننى كۆرگەندىن كىيىن، ئەx قەرز بېجىرىش ئۈچۈن ئېxىنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۋالغان ھەم ئېxىغا  10 مىڭ يۈەن قەرز بېجىرمەكچى بولغانلىقىنى دىگەن. ئېx، ئەxنى ئالداپ پۇلنى ئېلۋېلىش مەقسىتىدە ، رەسىمىيەت ھەققى ئېلىشنى باھانە قىلىپ، ئۈچ قېتىمدا ئەxنىڭ جەمئى 400 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغان. ئىرىشكەن پۇلنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

8. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرىدا، *** شەھەر **** يولى*** ئىجتىمائى رايۇندا ئولتۇرۇشلۇق ئېx ئۈندىدار توپىدا، جاۋابكار ئېx تارقاتقان،توردا قەرز بېجىرىش توغرىسىدىكى ئېلاننى كۆرگەندىن كىيىن، ئېxقەرز بېجىرىش ئۈچۈن ئېxىنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۋالغان ھەم 10 مىڭ يۈەن قەرز بېجىرمەكچى بولغان. ئېx، ئېxنى ئالداپ پۇلنى ئېلۋېلىش مەقسىتىدە، رەسىمىيەت ھەققى ئېلىشنى باھانە قىلىپ، ئېxنىڭ 200 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغان. ئىرىشكەن پۇلنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .

9. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرىدا،***شەھەر**** يېزا**** كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق رx ئۈندىدار توپىدا، جاۋابكار ئېx تارقاتقان، ھەقسىز قەرز پۇل بېجىرىپ بېرىمەن لازىملار ئالاقىلىىشڭلار دىگەن مەزمۇندىكى ئېلاننى كۆرگەندىن كىيىن، رx قەرز بېجىرىش ئۈچۈن ئېلى تۇدىنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۋالغان ھەم ئېلى تۇردىغا  100 مىڭ يۈەن قەرز بېجىرمەكچى بولغانلىقىنى دىگەن. ئېx، رxنى ئالداپ پۇلنى ئېلۋېلىش مەقسىتىدە ، رەسىمىيەت ھەققى ئېلىشنى باھانە قىلىپ،تۆت قېتىمدا رxنىڭ جەمئى 2000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغان. ئىرىشكەن پۇلنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

يىغىنچاقلىغاندا، جاۋابكار ئېx 2019-يىلى11-ئايدىن 2020-يىلى1-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ 9 نەپەر زىيانلانغۇچىلارنىڭ 9875 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋلغان بۇلۇپ، دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .

 يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى  قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

دىمەك، جاۋابكار ئېxىنىڭ يۇقارقى قىلمشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار ئېx «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا1-تارماق،67-ماددا3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن :

تەپتىش : ئەنۋەر ئەخمەت 

2020-يىلى 05-ئاينىڭ 21-كۈنى

قوشۇمچە :       1) جاۋابكار ئېx قولغا ئېلىنغان ،ھازىر كۇچا ناھىيلىك قاماقخانىدا قااماقلىق .   

               2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى،9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى،ئالماشتۇۇپ قاماش رەسمىيتى، سوراققا ئېلىپ چىقىش گۇۋاھنامىسى،ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى. 

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top