شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىپلەش (2020)61– نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئ**، ئەر، ئۇيغۇر، ** ياش (19**-يىلى *-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان) كىملىك نومۇرى:3032 ********652925، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، كاندىدات پارتىيە ئەزاسى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرىسى ۋە ئۇلتۇرغى: ت** ناھىيە ئ** يېزا ل** كەنت *-گوروپ 9-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى كېپىللىك مۇددىتى توشقانلىقى ئۈچۈن كېپىلدىن بىكار قىلىنغان. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە تۇرالغۇ جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن.
جاۋابكار ئ**تنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تۇقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2018) 126-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكارغا جىنايەتنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق. دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلار ئېنىقلاندى:
جاۋاپكار ئ** 2018-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 23:30 ئۆتكەن ئەتىراپتا، توقسۇ ناھىيە ئ** يېزا چىمبۇلاق رېستۇرانىدا ئا**، ئا** قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ دىيەنساڭ ماركىلق ئاق ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، 1-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 02:10 ئۆتكەن ئەتراپىدا ئ** تاماكا ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن ئۆزى يالغۇز چىمبۇلاق رېستۇرانىدىن چىقىپ، رېستۇراننىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان 新N5D891 نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپ توقسۇ ناھىيە ئۈچقات ساقچىخاننىڭ ئالدىدىكى دۇكاندىن تاماكا ئېلىپ چىقىپ 新N5D891 نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى پىراۋىلىق ھەيدەپ ھاراق ئىچكەن چىمبۇلاق رېستۇرانىغا قايتىش ئۈچۈن غەربتىن شەرققە يۆنىلىش بويىچە يول يۈرۈپ، چىمبۇلاق رېستۇرانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۈچقات يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ئۈچقات ساقچىخاننىڭ ساقچىللىرى 新N5D891 نۇمۇرلۇق ماشىننى تۇسۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا ھەيدىگۈچى ئ**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلىك گۇمانى بولغانلىقى ئۈچۈن نەق مەيداندا دەلىل-ئىسپات ئالغاندىن كېيىن، توقسۇ ناھىيە ئۈچقات يېزىلىق شىپاخانىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2018) 106-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە ئ**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 169 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋاپكار ئەيىپلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا پىكرىنىڭ يۇقلىقىنى، جىنايەتنى تۇنۇيدىغانلىقىنى، جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇتتۇرغا قۇيدى.
مەھكىممىز، جاۋابكار ئ**نىڭ مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى بۇيچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۇرۇشتۇرۇشكە تىگىشلىك. جاۋابكار ئ**قا 2 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، 4000 يۇەن شىتراپ جازاسى بىرىشكە تەكلىپ بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسى ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە ② بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى، 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment