欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某危险驾驶案)

2021-09-26 尘埃 0 comments

خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى 

  خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى ئەيىپلەش (2020)134-نومۇرلۇق

جاۋابكارئە**، ئەر، ئۇيغۇر، 1995-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: ********6528271995، مەخسۇس كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى:دىھقان،نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ ** ناھىيىسى ** بازىرى ** كەنىت**-گۇرۇپپا**-نۇمۇر، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كىپىللىككە بىرىلگەن،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ **ناھىيىسى ** بازىرى** كەنىت **-گۇرۇپپا**-نۇمۇر،ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.

جاۋابكار ئە**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى7–ئاينىڭ16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى،  جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى، دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار  بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى، جاۋابكار  مەزكۇر دىلودا تېز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى .

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

2019يىلى 12- ئاينىڭ 13- كۈنى كەچتە، جاۋابكار ئە**دوستلىرى ي**، ئې**، س** قاتارلىقلار بىلەن بىللە ** ناھىيسى ** ئائىللىكلەر ئولتۇراق رايونىدىكى ئې**نىڭ ئۆيىدە  ئولتۇرۇپ تاماق يىگەچ ھاراق ئىچكەن، ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن جاۋابكار ئە** ** ناھىيسى ** ئولتۇراق رايونىدىكى نەۋرە سىڭلىسى م**نى ئىزدەش ئۈچۈن مەست ھالەتتە 新M*****  نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىلنى (ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ئېسىۋالغان) ھەيدەپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 05:20 مىنۇتلار ئۆتكەن ئەتراپتا خېجىڭ ناھىيسى يېڭى ئۈمىد ئولتۇراق رايونى ئىچىدىكى باغچا رايونى ساقچىخانىسى كىرىش ئېغىزى يول بۆلىكىدە باغچا رايونى ساقچىخانىسى ساقچىللىرى تەرپىدىن بايقىلىپ قالغان.

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019]زەھەر باھالاش ****-نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە جاۋابكار ئە**نىڭ ھەر 100مىللىمىتىر قان تەركىبىدە  219 مىللىگىرام ئىسپىرىت ماددىسى بار دەپ بىكىتكەن،جاۋابكار دىلو سادىر قىلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان .

يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، نەق-مەيدان ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش ماتىرىيالى، باھالاشنامە، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئە**ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا مەست ھالەتتە ھەيدىگەن، قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىرىنچى تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تولۇق.جاۋابكار ئە**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋابكار ئە**نى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

 ھۆرمەت بىلەن:  

               خېجىڭ ناھىيىلىك  خەلق سوت مەھكىمىسىگە

                        تەپتىش : ئەركىنجان تۇردى

                                      2020-يىلى 7-ئاينىڭ23-كۈنى

قوشۇمچە:

1) جاۋابكارخېجىڭ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلككە بىرىلگەن، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيىسى ** بازىرى ** كەنىت **-گۇرۇپپا**-نۇمۇر ،ئالاقىلشش نۇمۇرى: 

2) دېلو ئارخىۋى بىر توپلام. 

3) جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامسى بىر پارچە .

4)ئەيىپنامە8نۇسخا .

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top