شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئى ر ت 1-ب (2020) 52- نومۇرلۇق
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار ئە****، ئەر، ئۇيغۇر، 9519-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى توغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 1995********652101، نۇپۇستىكى ئادرېس: تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايون ** يېزا ** كەنتى **-گۇرۇپپا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2020-يىلى 03-ئاينىڭ 22-كۈنى كىپىلگە بېرىلگەن.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئە****نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش پەيدا قىلىش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 05-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانون بويىچە سوراق قىلدۇق، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
مەھكىمىمىز قانون بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە :
2020-يىلى 01-ئاينىڭ 01-كۈنى سائەت 01:00 لار ئۆتكەندە، جاۋابكار ئە**** ھاراق ئىچىپ، مەس ھالەتتە 新K****C نۇمۇرلۇق كىچىك ماشىنىنى ئىدىقۇت رايون ** يولىنى بويلاپ غەرىپتىن شەرىققە قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ، ** يولى بىلەن** يولى كىسىشكەن تۆت كوچىغا كەلگەندە، شۇ جايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ 2020-يىللىق 234-نومۇرلۇق ئىسپىىرت تەركىبىنى ئانالىز قىلىش دۇكلاتىدا ‹‹ ئە****نىڭ قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىتىل ئالكاگولنىڭ مىقدارى ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركبىدىكى قان سۇيۇقلۇقىدا 124 مىللىگىرام›› دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار ئە****نىڭ جىنايتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، جىنايى قىلمىشىنى ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇرىدۇ.
يۇقارىقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : دېلو مەلۇم قىلىش جەدىۋىلى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ 2020-يىللىق 234-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار ئە****نىڭ دۆلىتىمىز قانونلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھاراق ئىچكەندىن مەست ھالەتتە يولدا ھەيدەپ ماڭغان قىلمىشىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، تۆۋە قىلغان. جاۋابكار ئە****نى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 133-ماددىسى بىر مەزمونى، 67-ماددىسى 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. جاۋابكار ئە****نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتىگە بىر ئايدىن يۇقىرى ئىككى ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا، جاۋابكار ئە****نى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : رابىگۈل تۇرسۇن
2020-يىلى 05-ئاينىڭ 21-كۈنى
قوشۇمچە:
1. بۇ دېلو 3 توپلام بەت.
2. جاۋابكار ئە**** كېپىللىكتە،
3. دېلونىڭ بارلىق ئارخىپ ماتىرياللىرى بىلەن 8 پارچە ئەيىپنامە، بىر دانە پىلاستىنكا بىرگە يوللاندى.
4. جاۋابكار ئە****نىڭ تۆۋىنامىسى بىر نۇسخا.
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment