شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئى ر ت 1-ب (2020) 60- نومۇرلۇق
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار ئە****، ئەر، ئۇيغۇر، 1983-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6521221983، نوپوسىدىكى ئادرىسى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى: تۇرپان شەھەر ** ناھىيە ** بازار ** كارىز كەنتى **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، بۇرۇن جازالانمىغان، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 09-ئاينىڭ 19-كۈنى كىپىلگە بېرىلگەن.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئە****نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 05-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانون بويىچە سوراق قىلدۇق، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
مەھكىمىمىز قانون بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە :
-2019 يىلى -7ئاينىڭ -28كۇنى سائەت 22:30 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋابكار ئە**** مەس ھالەتتە B **** 新K نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ** رايونى -312 دۆلەت تاشيولىنى بويلاپ غەرىپتىن شەرىققە قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ ** تەكشۇرۇش پونكىتىغا كەلگەندە، شۇ جايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ (2019) 15521G -نۇمۇرلۇق ئىسپىرىت تەركىبىنى ئانالىز قىلىش دوكلاتىدا «ئە****نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىتىل ئالكاگولنىڭ مىقدارى 152 مىللىگىرام » دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
جاۋاپكار ئە****نىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
يۇقارىقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : دېلو مەلۇم قىلىش جەدىۋىلى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ (2019) 15521G -نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار ئە****نىڭ دۆلىتىمىز قانونلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھاراق ئىچكەندىن مەست ھالەتتە يولدا ھەيدەپ ماڭغان قىلمىشىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىنى تونىغان، شۇڭا جاۋابكار ئە****نى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 133-ماددىسى بىر مەزمونى، 67-ماددىسى 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. جاۋابكار ئە****نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتىگە ئىككى ئايدىن يۇقىرى ئۈچ ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا، جاۋابكار ئە****نى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : رابىگۈل تۇرسۇن
2020-يىلى 05-ئاينىڭ 27-كۈنى
قوشۇمچە:
1. بۇ دېلو 3 توپلام بەت.
2. جاۋابكار ئە****، كېپىللىكتە،
3. دېلونىڭ بارلىق ئارخىپ ماتىرياللىرى بىلەن 8 پارچە ئەيىپنامە، بىر دانە پىلاستىنكا بىرگە يوللاندى.
4. جاۋابكار ئە****نىڭ تۆۋىنامىسى بىر نۇسخا.
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment