شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
شىخۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ ئەيىبلەشنامىسى
ش .ت . ئە (2020) چىقىش 180 -نومۇرلۇق
شىخۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى :
جاۋاپكار ئە****، ئەر، ئۇيغۇر، 19**-يىلى*-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان كىملىك نومۇرى: 6542، ئالىي تېخنىكوم مەدنيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىخۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ساقچىخانىسدا، ھازىر شىخۇ شەھەرلىك** ** ** ئائىلىلىكلەر قوروسى *- بىنا *- كورپۇس ***- ئۆي ، كەسپى: تىجارەتچى . بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان.
2020-يىلى2-ئاينىڭ 9-كۈنى قاتناش ۋاستىسىنى خەتەرلىك ھەيدەش گۇمانى بىلەن شىخۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى قاتىناش ساقچى ئەتىرىتى تەرپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلغىچە ئائىللىسگە كىپىلگە بېرىلگەن.
شىخۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى قاتىناش ساقچى ئەتىرىتى2020-يىلى6-ئاينىڭ15-كۇنى (2020) چىقىش96-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق،مەھكىممىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىبلىشگە يوللىغان، مەكەمەمىز تەكشۈرۈپ كورىپ،جاۋابكاردىن قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھۇقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق، ئادۇۋكاتنىڭ گۇۋاھلىقىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش قەغىزىگە قول قويدۇردۇق .
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئىنىقلىشمىزچە :
جاۋاپكار ئە** 2020-يىلى1-ئاينىڭ1- كۈنى سائەت 23 لەر ئەتىراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالدا ***新A25 نومورلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى غەرپتىن شەرققە قارىغان يۆلىنىشتە ھەيدەپ شىخۇ شەەھرلىك خۇاڭخې يولى (133- دېلو مەلۇم قىلىش ساندۇقى) غا كەلگەندە ، ئالدى تەرەپتىكى ئوخشاش يۆلىنىشتىكى ئ** ھەيدىگەن**新G02 نۇمۇرلۇق ساقچى ماشىنىسىغا سۇقۇلۇپ ئىككى ماشىنىنىڭ زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شىنجاڭ كېجىڭ ئەدىليەلىك باھالاپ بېكىتىش مەركىزىنىڭ新疆科正司法鉴定所【2020】血鉴字第052号 نۇمۇرلۇق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە: ئە** قان تەركىبىدىكى ئىسپرت مىقدارىنىڭ نىسپىتى ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى 271.35 مىللىگىرام (271.35MG/100ML) دەپ باھالاپ چىققان بۇلۇپ خەتەرلىك قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن.
يوقۇردىكى جىنايى پاكىتنى، جاۋاپكارنىڭ ئىقىرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،قان تەركىبىدىكى ئىسپرت مىقدارىنى باھالاشنامىسى، يازما ئىسپات، تەكشۇرۇپ-ئىنىقلاش ئىسپاتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىممىز مۇنداق دەپ قاريدۇ : جاۋاپكار ئە****نىڭ ھەركىتى «جۇڭخۋا خەلق جۇمۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 133-ماددا 1-تۇر بەلگۇلمىسگە خىلاپ بولۇپ، قاتناش ۋاستىسىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. دىلونىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق. شۇڭا جاۋاپكار ئە**** ننىڭ جىنايى جاۋابكارلىقنى سۇرۇشتۇرۇشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۋا خەلق جۇمۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176-ماددا بەلگۇلمىسى بويىچە سوتڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشڭىزلارنى سۇرايمىز .
ھورمەت بىلەن :
شىخۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسگە
تەپتىش :شۆھرەت تۇرسۇن
ياردەمچى تەپتىش : نۇرنىيسا قيىم
2020-يىلى7-ئاينىڭ13-كۇنى
ئىزاھات:
(1) جاۋاپكار ئە**** ئائىلىسىگە كېپىلگە بىرىلگەن.ئالاقىلشىش تېلفۇن نۇمۇرى: ****1389955
(2) دىلو ماتىريالى2 توپلام، ئەيىبلەش 8 پارچە ،ئاددى تەرتىپننى قوللۇنۇش قارارى جازا ئولچەش پىكىرى بىرگە يوللاندى .
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment