欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-23 尘埃 0 comments

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                        ئا ش ت ئەيىبلەش (2020)  372 -نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

    جاۋابكار ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011984XXXXXXXX، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى،  ئاقسۇ شەھەر بەXX يېزا-XX كەنىت -XX گۇرۇپ -XX نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. -2020يىل -6ئاينىڭ -29كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن .

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ  2020  -يىل 9- ئاينىڭ 13- كۈنى (2020) 199-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى، ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

   جاۋابكار ئە 2020 XXيىلى 06-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 21:40 لەردە ئاقسۇ شەھەر بXX يېزاXX-كەنىت XX-گۇرۇپتا بىر دۇكاندا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن شۇ دۇكاننىڭ ئالدىغا  توختۇتۇپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق مۇتۇسكىلىتنى پىراۋسىز ھەيدەپ كەنىت كومىتىتى ئالدىغا كەلگەندە، شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار ئەXXنى ھاراق ئىچىپ مۇتىسكىلىت ھەيدىگەن دەپ گۇمانلىنىپ قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە، ئەمەر بەكرىنىڭ ھەر 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى 137.48مىللىگىرام بۇلۇپ مەس ھالەتتە پىراۋىسىز موتوسكىلىت ھەيدىگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار ئەXXىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار ئەXX مەھكىمىمىزدە جىنايىتنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى. ئۇنىڭ قىلىمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا جاۋابكار ئەXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە 2 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قۇشۇمچە 4000يۈەن شىتىراف قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق . 

تەپتىش: ھXX

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى

ئىزاھات:

1. جاۋابكار ئائىلىسىدە كىپىلدە . 

 2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر  توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top