精河县人民检察院
起 诉 书
精检一部刑诉〔2020〕82号
جىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ج ت 1-بۆلۈم جى ئى ئەيىبلەش خەتلىك (2020) 82- نومۇرلۇق
جاۋابكار: ھۈ***، ئەر، ئۇيغۇر، 19**- يىل **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 715****6527221971، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، نوپوس تۇرۇشلۇق ئورۇن: جىڭ ناھىيە ** يىزا **كەنت **- گۇرۇپپا **- نومۇر، كەسپى: دېھقان. 2020- يىل 6- ئاينىڭ 5- كۈنى جىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلىپ، 2020- يىل 7- ئاينىڭ 3- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان. توختىتىلىشتىن ئىلگىرى يۇقارىقى ئادىرىستا تۇرۇشلۇق. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، ھازىر جىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.
مەزكۈر دىلونى جىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىل 9- ئاينىڭ 3- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنى ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ كەلتۇرۇپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇن ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، ھەم جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى (ئائىلە تاۋاباتلىرى) غا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقوقى بارلىقى ئۇقتۇردۇق ھەم سۆھبەت ئېلىپ باردۇق؛ دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار ھۈ***نىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئېنىقلىدۇق:
2020- يىل 6- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 18: 13 ئۆتكەندە، جاۋابكار ھۈ***川 R- ** نومۇرلۇق ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلىنى غەرىپتىن- شەرىققە قاراپ ھەيدەپ جىڭ ناھيىە Y302 ماندانبۇلاق باينامۇل يولى باينامۇل ئولتۇراقلاشتۇرش رايونى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، با** شىمالدىن- جەنۇبقا قاراپ ھەيدىگەن **– 新E نومۇرلۇق يىنىك تىپلىق كوزۇپلۇق ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ، بايىنساغان ئوردا بىلەن –75023 新E نومۇرلۇق ئاپتوبوبىلىغا ئولتۇرغۇچى با**، ئېر**، ئا**، سى**ىڭ يارلىنىشى، قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلۇشىدەك قاتناش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نەق مايداندا قولغا چۈشكەن. ئا** بىلەن سى** دوختۇرخانىغا ئاپارغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
يۇقىرىقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل- ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:
1.يازما ئىسپات؛ 2. زىيانكەشىلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى؛ 3. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى؛ 4.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى؛ 5.باھالاش خۇلاسىسىى؛ 6. ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى.
يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلار قانۇنلۇق ئېلىنغان مەزمۇنى ئوبيېكتىپ راست بولۇپ، دىلو پاكىتىنى ئىسپاتلاشتا ئىسپاتلىق رولىنى ئوينايدۇ. جاۋابكار ھۈ*** ئەيىپلىگەن پاكىت ۋە دەلىل- ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، جازانى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار ھۈ***نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، ئۈچ ئادەمنىڭ يارلىنىشىدەك قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جازالىنىشقا تىگىشلىك. دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تولۇق ھەم راست بولۇپ، بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار ھۈ*** قىلمىىشنى ئەينەن تاپشۇرۇپ، ھەم جىنايىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىقرار قىلىپ، جازانى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلدى. شۇڭا جاۋابكار ھۈ***نى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا ئۆلچەپ بېرىشىڭلارغا ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
جىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: قەلبىنۇر ئابدۇراخمان
2019- يىل 9- ئاينىڭ 9- كۈنى
قوشۇمچە:
1. جاۋابكار ھازىر جىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا.
2.ج خ دىلوسى ئىككى توپلام، ئاساسلىق دەلىل- ئىسپات مۇندەرىجىسى، دەلىل ئىسپات كۆپەيتىلمىسى بىلەن بىر توپلام قىلىنىپ بىرگە يوللاندى.
3.زىيانكەشىلىككە ئۈچرىغۇچى با**نىڭ تېلفون نومۇرى: 96**1399، زىيانكەشىلىككە ئۈچرىغۇچى سى دالانىڭ ئوغلىنىڭ تېلفون نومۇرى:011***1399، زىيانكەشىلىككە ئۈچرىغۇچى سە**نىڭ تېلفون نومۇرى:*42**137.
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment