欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(公开版)_和某某人民检察院

2021-09-25 尘埃 0 comments

和某某人民检察院 

起 诉 书

和某某检一部刑诉〔2020〕64

خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنى

ئەيىپنامىسى 

خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى جازا ئۆلچەش (2020)  64-نۇمۇرلۇق

جاۋابكار مXX، ئەر، ئۇيغۇر،XX20-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX65282620، كەسپى: ئوقۇغۇچى، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيە XX بازىرى XX كەنت XX-گۇرۇپپا XX-نۇمۇر.  2020-يىلى 01-ئاينىڭ 06-كۈنى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايەت گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2020-يىلى 01-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىز قولغا ئالماسلىق قارارى چقارغان،2020-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بىر تەرەپ قىلنغچە كېپىللگە بىرىلگەن. ھازىر ئولتۇرۇشلۇق ئورنى خېجىڭ ناھىيە XX بازىرى XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كۇرپۇس XX-ئۆي،ھازىر ئائىلسىدە كېپىللىدە.  

جاۋابكار مXXنىڭ  قاتناش ھادىسى تۇغدۇرۇش جىنايەت دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2020-يىلى 4- ئاينىڭ 24-كۈنى كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى، زىيانلانغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسگە ھاۋالە قىلىش ھۇقۇقى بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.   دىلونىڭ ئەيىبلەش سۈرۈكى بىر قېتىم ئۇزارتىلدى.  جاۋابكارغا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى، دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى ئىمزالاندى.جاۋابكارنى قانۇن بويچە سوراق قىلىپ ،دىلۇنىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

2018-يىلى 09-ئاينىڭ 08-كۈنى سائەت 17 دىن 46 مىنۇت ئۆتكەن ئەتراپتا، جاۋابكار مXX 新MXXXXX نۇمۇرلۇق يىنىك تىپتىكى يۈك ئاپتۇموبىلىنى ھەيدەپ، خېجىڭ ناھىيە دوستلۇق يولى تىيەنفۇ ئولتۇراق رايونى غەرب تەرەپ سودا دۇكىنى ئالدى يول بۆلىكىدە ئاپتۇموبىلنى توختاتماقچى بولغاندا، شۇ جايدىكى سودا دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئالاقىدار سXXنى سۇقۇۋەتكەن  نەتىجىدە ئالاقىدار سXX بىر ئادەم يارلىنىشى ۋە بىر ئۆي بىلەن بىر قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ھادىسىسى كىلىپ چىققان.

    خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى قانۇن بويىنچە چىقارغان 2018113- نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدە جىنايەت گۇماندارى مXX   بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە تۇلۇق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئالاقىدار  سXX  بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە مەسئۇليىتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بېكىتكەن.  

خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرىنىڭ (2019)26-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى  تىرىك ئادەم بەدىنى زەخمىسنى  باھالاش  پىكرنامىسىدە،تاشقى زەخمە سەۋەبىدىن تال يىرىلىپ كەتكەن ،سXXنىڭ  زەخمىسى ئىككنچى دەرىجىلىك ئىغىر زەخمە دەپ بىكتىكەن.  

 يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،زەخملەنگۈچنىڭ بايانى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،باھالاشنامە، نەق-مەيدان ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مXX قاتناش بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھادىسە تۇغدۇرۇپ بىر ئادەمنىڭ بىر ئادەمنىڭ زەخمىلنىشنى(ئىغىر) كەلتۇرۇپ چىقارغان. بۇقىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تولۇق.جاۋابكارمXXنى قاتناش ھادىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.جاۋابكار مXX ھادىسە سادىر قىلغاندىن كىيىن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›› 67-ماددىسىغا ئاساسەن ئۆزنى مەلۇم قىلدى دەپ بېكىتلدى. شۇڭا جاۋابكارمXXنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

       ھۆرمەت بىلەن:  

                         خېجىڭ ناھىيىلىك  خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

                                     

                                       تەپتىش : ئەخمەت رۇزى

                                    2020-يىلى 6-ئاينىڭ4-كۈنى 

قوشۇمچە :

1)جاۋابكارمXX ئائىلىسىدە كېپىللىدە. 158XXXX9096 

2)ج ج  ئارخىۋى بىر توپلام. 

3) نۇر دىسكا بىر دانە .

4) ئەيپنامە 8نۇسخا.

5) جىنايتنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى بىر پارچە.

6) جازا ئۆلچەش پىكىرنامىسى بىر پارچە

7) جىنايى ئىشلار قۇشۇمچە ھەق-تەلەپ ئەرزنامسى 3نۇسخا.

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top