جىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ج ت 1-بۆلۈم ج ئى ئەيىبلەش خەتلىك (2020)150– نومۇرلۇق
جاۋابكار مە**، ئەر، ئۇيغۇر،**19- يىل *- ئاينىڭ *- كۈنى جىڭ ناھىيسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 55****65272219، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: جىڭ ناھىيە ** يىزا **يولى *- جەنۇبى *- كوچا *- نومۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: جىڭ ناھىيە **يىزا ** كەنت **-گۇرۇپپا **- نومۇر، كەسپى: شوپۇر. 2020- يىل 11- ئاينىڭ 18- كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى قىلمىشى گۇمانى بىلەن جىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، 2020- يىل 12- ئاينىڭ 8- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن داۋاملىق كېپىلگە بېرىلگەن.2014- يىل 11- ئاينىڭ 4- كۈنى زەھەرلىك چىكىملىك بۇيۇم ئېلىپ- سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن جىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇدەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، 1000 يۈەن شتراف قويۇلغان، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
مەزكۈر دىلونى جىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىل 12- ئاينىڭ 8- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن جاۋابكارغا دەۋادىكى ھوقۇق- مەجبۇرىيىتى، ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇن ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. جاۋابكار مە**نىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئېنىقلىدۇق:
2017- يىل 4- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 00:32 ئۆتكەندە، جاۋابكار مە** مەس ھالەتتە، پىراۋىسىز نومۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى شىمالدىن- جەنۇپقا قاراپ ھەيدەپ، جىڭ ناھىيە بازىرى دوسلۇق يولى بىلەن بەخت يولى كېسىشكەن تۆت كوچا يول بۆلىكىگە كەلگەندە، جەنۇپتىن- شىمالغا قاراپ سولغا بۇرۇلغان ئا** ھەيدىگەن 2**9新E- نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل بىلەن سوقۇلۇپ، قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ، ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا قولغا چۈشكەن. باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار مە**نىڭ ھەر 100 مىللىلېتىر قېنى تەركىبىدە 196 مىللىگرام ئىسپىرت بار دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
يۇقارىقى پاكىت يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىقى، زىيانكەشىلىككە ئۈچرىغۇچىنىڭ بايانى، باھالاش خۇلاسىسىى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلار قانۇنلۇق ئېلىنغان مەزمۇنى ئوبيېكتىپ راست بولۇپ، دىلو پاكىتىنى ئىسپاتلاشتا ئىسپاتلىق رولىنى ئوينايدۇ. جاۋابكار مە** ئەيىپلىگەن پاكىت ۋە دەلىل- ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، جازانى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار مە**نىڭ يول- قاتناش باشقۇرۇش قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە، پىراۋىسىز ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا 1- تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جازالىنىشقا تېگىشلىك. دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تولۇق ھەم راست بولۇپ، بېكىتىشكە بولىدۇ. شۇڭا جاۋابكار مە**نى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا 1- تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا ئۆلچەپ بېرىشىڭلارغا ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
جىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: قەلبىنۇر ئابدۇراخمان
2020- يىل 12- ئاينىڭ 10- كۈنى
قوشۇمچە:
1. جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. (56*****135)
2.ج خ دىلوسى بىر توپلام، ئاساسلىق دەلىل- ئىسپات مۇندەرىجىسى، دەلىل ئىسپات كۆپەيتىلمىسى بىلەن بىر توپلام قىلىنىپ بىرگە يوللاندى.
3. جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخەتنامىسى.
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment