欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(公开版)

2021-09-23 尘埃 0 comments

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى          

باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                         ب ت 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020)  147-نۇمۇرلۇق

باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

      جاۋابكار ئا****، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: **********65292619، ئۇيغۇر، ****مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسگە ئىگە، شىنجاڭ **** چەكلىك شىركىتىنىڭ توختاملىق ئىشچىسى، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىكە بىرىلىشتىن ئىلىگىرى * ناھىيە  ** بازىرى ** كەنت *-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن **20-يىلى *-ئاينىڭ **-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلىلككە بېرىلگەن.

     باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى (2020) 038-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇختۇردى، جاۋابكاردىن سوئال سورىدى، جاۋابكارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش پىكىرى ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ دېلونى ئاخىرلاشتۇردى.  

   تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: **20-يىلى *-ئاينىڭ **-كۈنى سائەت 4:00 لەر ئەتراپىدا،جاۋابكار ئا**** ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىغىدىكى*****新N  نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇمبىلنى باي ناھىيە ** بازار ** كەنت يول بۆلىكىدە غەرىپتىن-شەرىققە قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ  **-گۇرۇپ يول بۆلىكىگە كەلگەندە، يول بويىدىكى چىراق سوقۇمىغا سوقۇلۇپ توختىغاندىن كىيىن ، شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. 

شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددىي ئىسپاتنى ئەدىليەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2020)3189-نومۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاشنامىسىدا « جاۋابكار ئا*****نىڭ قان سۇيۇقلىغىدا ئالىكوگىل بايقالدى، ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىغىدىكى ئالكوگىل مىقدارى 209.58 مىللىگىرام » دىيىلگەن.

    يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، كۆرۈش-ئاڭلاش ماتىرىيالى قاتارلىقلار بار.

    مەھكىمىمىز،  جاۋابكارئا****نىڭ ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راست، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قارىدى، بۇ جىنايەتكە قانۇندا «تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە شتىراف قويۇش جازاسى بىرىلدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن، جاۋابكارئا****نىڭ جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلىقى، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسىنىڭ ياخشىلىقى، قان سۇيۇقلۇقىدا بايقالغان ئالكوگول مىقدارى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگلىمىسى ۋە «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالى خەلقتەپتىش مەھكىمىسى،جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنستىرلىكىنىڭ مەست ھالەتتەماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھەيدەش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىجىرشىتە قانۇننى تەدبىقلاش جەھەتتىكى بىر قانچە مەسلە ھەققىدىكى پىكرى» نىڭ 1-تارماق 1-، 2-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋابكارئا****كە 3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قوشۇمچە 4 مىڭ يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بىرىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىش بىلەن بىرگە جاۋابكارئا****نى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق. 

تەپتىش: ئېلى ئابلىمىت

تەپتىش ياردەمچىسى: نۇرىمانگۈل ئىمىر

2020–يىلى 7–ئاينىڭ 21–كۈنى

1) 1 توپلام ج خ ئارخىپى، 10 نۇسخا ئەيىبنامە، 1 نۇسخا تېز كېسىم تەرتىپى قوللىنىش تەكىلىپنامىسى، 3 دانە نۇر دېسكا بىرگە يوللاندى. 

     2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top