شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
پوسكام ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
پ، ت، 1- بۆلۇم ج، ئى ئەيىبلەش (2020) 116 -نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئۆxx، ئەر، ئۇيغۇر، 19xx-يىلىxx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:65312419xxxxxxxxxx ، تولۇقسىز ئوتتۇرامەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيسىگە ئىگە ، كەسپى:ئامانلىق ساقلىغۇچى (پوسكام ناھىيلىك xx يىزا يىزىلىق ھۆكىمەتتە ئىشلەيدۇ)، ئولتۇرۇقى: پوسكام ناھىيە xxيىزاxx كەنتىx-مەھەللەxx-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. باشقىلارنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جنايەت گۇمانى بىلەن 2019-يىلى06-ئاينىڭ26-كۈنى پوسكام ناھىيەلىك ج خ ئىدارىىسى تەرىپىدىن ، 2020- يىلى 5- ئاينىڭ 29- كۇنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن كىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە .
پوسكام ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى بۇدېلو ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،جاۋابكار ئۆxxنى قەستەن زەخمىلەندۇرۇش ( يېنىك 2- دەرىجە ) جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ، 2020 -يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلىپ، شۇكۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى، زىيانلانغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇختۇردى، جاۋابكارنى سوراق قىلدى، زىيانلانغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدى، بارلىق دىلۇ ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتى.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنىڭ بارلىغىنى بېكىتتى:
جاۋاپكار ئۆxx 2019-يىلى 02-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ سائەت 22:00دىن ئاشقاندا،پوسكام ناھىيە xx يىزا x-كەنىتتىكى xx دۇكىنىدا xx يىزىلىق ھۆكىمەتتە ئامانلىق ساقلىغۇچىلىق خىزمىتى ئىشلەيدىغان تۇxx بىلەن بەش تال پىۋا ئىچكەن،سورۇندىن تارقىغاندىن كىيىن پوسكام ناھىيەxx يىزاxx-كەنىتتىكى xx سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىدا كىxx(xx يىزا xx كەنتىدىن)يۈxx(xx يىزا xx-كەنىتتىن)،تۇxx(xx يىزا x-كەنىتتىن)قاتارلىقلار بىلەن بىللە 2بوتۇلكا ئاق ھاراق ئىچكەن،ھاراق سورۇندىن تارقىغاندىن كىيىن جاۋاپكار ئۆxx,xx يىزا xx-كەنىتتىكى xxنىڭ دۇكىنىغا تاماكا ئالغىلى كىرىپ چىقىشىدا يۈxxنى سوقىۋەتكەن،يۈxx ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىغاندىن كىيىن جاۋاپكار ئۆxx بىلەن يۈxx بىربىرنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇشۇپ ئىتتىرشكەن، جاۋاپكار ئۆxx ،يۈxxنىڭ مەيدىسىدىن ئىتتەرگەندىن كىيىن، يۈxx كەينچە يەرگە يىقىلغان، ئۆxxx ،يۈxxنىڭ سول يۈزىگە تەستەك بىلەن ئىككىنى ئۇرغان ۋە ئۆxx يۈxxنىڭ يەردە پۇتىنى ئىچىپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، يۈxxنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ ھوشۇق يان تەرپىگە بىرنى تەپكەن ، يۈxxنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ ھوشۇق يان تەرپى سۇنغان، يۈxxx xx ساقچىخانىسىغا تىلفۇن قىلىپ دېلو مەلۇم قىلغان.
پوسكام ناھىيىلىك ج خ ئىدارسى ماددى دەلىل – ئىسپاتلارنى باھالاش ئىشخانىسى زىيانلانغۇچى يۈxxنىڭ زەخمىسنى 2-دەرىجىلىك يىنىك زەخمە دەپ يەكۈن چىقارغان.
جاۋابكارنىڭ يۇقارقى جىنايەت پاكىتىنى : پوسكام ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دېلۇ ئېچىش قارارنامىسى ۋە كېپىلگە بىرىش قارارنامىسى ,يازما ئىسپات؛ پوسكام ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دېلۇنىڭ پاش بولۇش جەريانى توغىرسىدىكى ئىسپاتى، جاۋابكارنىڭ ۋە زىيانلانغۇچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، زىيانلانغۇچىنىڭ زىيانلىنىش بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، گۇۋاچىلارنىڭ گۇۋالىق سۆزى ، پوسكام ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش ئىشخانىسىنىڭ 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى (2019) 031-نومۇرلۇق زەخمە دەرىجىسىنى باھالاش پىكىرى ، نەخ مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى ،خەرىتىسى ۋە سۈرىتى قاتارلىق دەلىل –ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكارئۆxxxنىڭ باشقىلارنىڭ تېنىنى قەستەن زەخمىلەندۇرگەن قىلمىشىدىن ، «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ، 234- ماددىسىدىكى قەستەن زەخمىلەندۇرۇش ( يېنىك) جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ۋە راست، قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى بىلەن جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ جىنايى جازا بېرىش زۆرۈر دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
پوسكام ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش : ئايشەم ئابدىراخمان
ئابدۇراخمان ئاتاۋلا
2020- يىلى 6- ئاينىڭ 16- كۈنى
ئىزاھات :1) جاۋابكار ئائىلىسىدە كېپىلدە .
2) 8 نۇسخا ئەيىبنامە ، دەلىل- ئىسپات مۇندەرىجىسى ، گۇۋاچىلار تىزىملىگى ، 1 توپلام ج خ دېلوسى بىرگە يوللاندى
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment