欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(自然人犯罪案件适用)(公开版)_精河县人民检察院

2021-09-22 尘埃 0 comments

精河县人民检察院

起 诉 书

精检一部刑诉〔2020〕2号

جىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ج ت 1-بۆلۈم ج ئى ئەيىبلەش خەتلىك (2020)14– نومۇرلۇق

جاۋابكار تۇ***، لەقىمى تۇ***، ئەر، 19**- يىل **- ئاينىڭ **- كۈنى جىڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0711****652722، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: *** ناھيىە *** يېزا *** شىمالى كەنت ***-گۇرۇپپا،مەزكۇر كەنتنىڭ ئەزاسى، كەسپى: دېھقان. 2019- يىل 9- ئاينىڭ 28- كۈنى جىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن باشقىلارغا باشقىلارغا زەھەرلىك چىكىملىك (نىشە) سېتىش جىنايى قىلمىشى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلىپ، 2019- يىل 10- ئاينىڭ 31- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان. 2014- يىل 4-ئاينىڭ 3- كۈنى زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ- سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن جىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 1 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، 2 يىل كېچىكتۇرلگەن،توختىتىلىشتىن ئىلگىرى *** ناھىيە *** ئولتۇراق رايونى ***-بىنا ***-كورپۇس ***-نومۇردا تۇرۇشلۇق، ھازىر جىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

مەزكۈر دىلونى جىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرىلاشتۇرۇپ، 2020- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنى ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇن ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئېنىقلىدۇق:

2017- يىل 2- ئاينىڭ مەلۇم بىركۈنى كېچىدە، جاۋابكار تۇ***، شىر***، قا***، مۇ***رغا *** ناھىيە *** يېزا شىمالى *** كەنت *** مىھمانخانىسىنىڭ قارشى تەرەپ كوچىدىكى ئۆيىدە (چىقېۋىتىلگەن) سورۇن ھازىرلاپ، زەھەرلىك چىكىملىك چىكىدىغان ئەسۋاپ، زەھەرلىك چىكىملىك نىشە تەمىنلەپ، ئۆزىمۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە زەھەلىك چىكىملىك نىشە چەككەن.

يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل- ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:

1.يازما ئىسپات؛ 2.گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىقى؛ 3.جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى.

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار تۇ***نىڭ ئۆز ئۆيىدە شىر***، قا***، مۇ***رغا زەھەرلىك چىكىملىك چېكىش سورۇننى ھازىرلاپ بەرگەن قىلمىشىدىن باشقىلارغا زەھەرلىك چىكىملىك چىكىشكە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 354- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جازالىنىشقا تېگىشلىك. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تولۇق ھەم راست بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ. شۇڭا جاۋابكار تۇ***نى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا 1- تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جىنايى جازا ئۆلچەپ بېرىشىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن

جىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: قەلبىنۇر ئابدۇراخمان

2020- يىل 1- ئاينىڭ10- كۈنى

قوشۇمچە :

1.جاۋابكار ھازىر جىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

*​ 2.دەلىل- ئىسپات مۇندەرىجىسى ئاساسلىق دەلىل- ئىسپاتلار كۆپەيتىلمىسى بىلەن بىر توپلام قىلىنىپ، ئىككى توپلام ج خ دېلوسى بىلەن بىللە يوللاندى.

 

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top