شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىxxناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
چ ت ج ئى(2020) 34-نۇمۇرلۇق
چىرا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار مەxx ، ئەر ، ئۇيغۇر ، xx - يىلى xx - ئاينىڭ xx - كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى : xx86532xx19 تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، شوپۇر ،نۇپۇسى ۋە ئولتۇرقى: xx ناھىيە xx يېزىسىxx كەنتى 388- نۇمۇر ، ئىلگىرى قانۇن تەرپىدىن جازالانمىغان ،2019- يىلى 11- ئاينىڭ 05 - كۈنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن كىپىلگە بىرىلگەن ، 2020-يىلى4-ئاينىڭ4-كۈنى xx ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قايتا كىپىلگە بىرىلگەن.
xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار مەxنىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى4-ئاينىڭ4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشى ئۈچۈن يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىڭ -33 ماددىسىنىڭ2 -تارمىغى؛ -36 ماددىسى؛ -40 ماددىسىنىڭ -1 تارمىغى؛ -137 ماددىسى؛ -139 ماددىسىدىكى بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن2020 -يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە دەۋادىكى ھۇقۇق مەجبۇريەتلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇش،جازانى قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى ئۇقتۇردۇق،دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ،ئادۋۇكاتنىڭ ھەمراھلىقىدا جىنايىتىنى تۇنۇش،جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسى ئىمزالىدۇق،قانۇن بۇيىچە سۇراق قىلدۇق ،ئاخىرىدا بارلىق دەلىل ئسپاتلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ، دىلونى تەپتىش قىلىش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى تۈۋەندىكىچە بىكىتتى:
2019-يىلى 10-ئاينىڭ 9- كۈنى جاۋاپكار مەxx xx ناھىيە xxيېزىسى xx سېرىقتىكى تۇغ تۇتىدىغان ئۇرۇنغا شىغىل ئەكىرىش ئۈچۈن ، ئەxxنىڭ قىزىل رەڭلىك ، ئوۋمەن ماركىلىق赣C3Kxx نۇمۇرلۇق پەندۇر ماشىنىسىنى xx بازىرىدىكى تىراكتۇرزەننىڭ يان تەرپىدىكى يولدىن(ئەسلى بەلگىلەنگەن سائەتلىك سۈرئەت40كىلومىتىر) 64 كىلومىتىرلىق سۈرئەت بىلەن شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ، ‹‹جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى››نىڭ 47-ماددا 1-تارمىقى،42-ماددا1-تارمىقى ، 62-ماددا 1-تارماقى،52-ماددا 1-تارماقى،51-ماددىنىڭ 2-3- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىللىرىگە خىلاپ ھالدا ھەيدەپ مېڭىپ، گۇلاخما بازىرى 5- دادۈي تەۋەلىكىدىكى كىسىشمە يول ئېغىزىغا كەلگەندە ، شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ مېڭىۋاتقان ئىككى چاقلىق توكسىكلىتنىڭ ئوڭ تەرەپ ئوتتۇرا قىسمىغا سۇقۇلغان،نەتىجىدە توكسىكىلىت ھەيدىگۈچى مەxxيارلىنىپ،xxناھىيلىك خەلىق دوختۇرخانىسىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان،توكسىكىلىت ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغانxx ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تېخنىكىلىق باھالاش ئەتىرىتىدىكى قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ( 2019) 019-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە قازا قىلغۇچى مەxx ‹‹ تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىدە باش قىسمى قاتتىق زەخمىلەنگەندىن كىيىن مىڭە تۇقۇلمىللىرى ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچىراپ قازا قىلغان ››دەپ يەكۈن چىققان .
يۇقارقى پاكىتلارنى گۇماندارنىڭ ئېغىز ئىقرارى، نەخ مەيدان خەرىتىسى ، نەخ مەيدان رەسىمى ، نەخ مەيدان تەكشۈرۈش دوكلاتى ، جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتى، ھادىسە ئىتراپنامىسى، شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)3048-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلار تۇلۇق ئىسپاتلايدۇ .
جاۋابكار مەxxجىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تىلخەتنامە ئىمزالىدى.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشچە جاۋابكار مەxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشنى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە تەدبىقلىغاندا قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ .شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىشىڭلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق ، ھەمدە ئاددى سوت تەرتىۋى قوللىنىش تەكلىۋىنى بىرىمىز.
xxناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
تەپتىش :xx
2020-يىلى4-ئاينىڭ 27-كۈنى
ئەسكەرتىش :
1 ج خ ئارخىۋى ، 1دانە سىن دىسكا بىرگە چىقىرىلدى .
2 .ئەيىپلەشنامە 9پارچە
3. جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment