欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(自然人犯罪案件适用)(公开版)

2021-09-25 尘埃 0 comments

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراماي شەھىرى

قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

 ئەيىبنامىسى

                       

                                     ق ش ق ر ت ج ئەيىبلەش [2019] 42-نومۇرلۇق

جاۋابكار******،  ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى قاراماي شەھىرىدە تۇغۇلغان كىملىك نومۇرى ******* 65020319 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، قاراماي شەھىرى ****خىزمەتچىسى. قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى **مەھەللىسى *-بىنا *-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇمانى بىلەن قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلۇپ، 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى قويۇپ بېرىلىپ، شۇ كۈنى دېلوسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن كېپىللىكنى بىكار قىلىش قارار قىلىنغان، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن دېلوسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.

مەزكۇر دېلونى قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن دېلو ماتىرىيالى بىلەن 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى جاۋابكار******نى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،2019-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئايرىم-ئايرىم جاۋابكار بىلەن زەخمىلەنگۈچىنىڭ ئاقلىغۇچى ۋە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنى  ئۇقتۇرۇپ،جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ،بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار****** 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 23:15 لەر ئەتراپىدا، قاراماي رايونى**** ئالدىدىكى پىيادىلەر يولىدا،يولدا كىتىپ بارغان زەخمىلەنگۈچى ****ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى **،*** بىلەن ئۆز-ئارا گەپ تەگىشىپ سوقۇشۇپ،يېنىدىكى ئېلىپ يۈرگەن كىچىك پىچىقى بىلەن زەخمىلەنگۈچى*** يۈز قىسمىنى يىنىك 2-دەرىجىلىك زەخمىلەندۈرگەن.

    يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى زەخمىلەنگۈچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،نەق مەيدان تونۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۈرەتلىرى، باھالاش پىكىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: جاۋابكار******نىڭ قەستەن باشقىلار بىلەن سوقۇشۇپ،قولىغا كىچىك پىچاق ئېلىپ،باشقىلارنى يىنىك 2-دەرىجىلىك زەخمىلەندۈرگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق. شۇڭا پۇقرالارنىڭ جىسمانى ھوقۇقىنىڭ قانۇنسىز دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جاۋابكار******نىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز. 

ھۆرمەت بىلەن:

  قاراماي شەھەر قاراماي رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە.

تەپتىش : پەرمانجان ئەمەت.

2019-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 

قوشۇمچە :

 1. جاۋابكار****** ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . ئالاقىلىشىش تېلفۇن نومۇرى : ******15209 .

 2. ئاددىي تەرتىپ قوللۇنۇش تەكلىپنامىسىدىن 1 پارچە،جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسىدىن 3 پارچە،ج خ 2 توپلام 169 بەت،ئايرىم 2 بەت دېلو ماتىرىيالى،5 دانە نۇر دېسكىسى،زەخمىلەنگۈچىنىڭ 3 پارچە جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ ئەرىزنامىسى بىرگە ئەۋەتىلدى. 

 3. مەزكۇر دىلودا گۇۋاھچىلارنىڭ سوتقا كىلىپ گۇۋاھلىق بېرىش زۆرۈرىيىتى يوق.

 

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top