شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
غ ش ت ج ئە ]2019[ 453 -نومۇرلۇق
جاۋاپكار سXX ، ئەر ، ئۇيغۇر ، XXXX – يىلى XX – ئاينىڭ XX - كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك گۇۋاھنامە نومۇرى 2217 XXXX XXXX 654101 ، باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن غۇلجا شەھەر تاشكۆۋرۈك يىزىسى يىڭيول كوچا XX - خاڭ XX - نۇمۇر ، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان . 2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنى غۇلجا شەھەرلىك جامائەت-خەۋپسزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن .
بۇ دېلونى غۇلجا شەھەرلىك جامائەت-خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، جاۋابكار سXXنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش جىنايىتى بىلەن 2019 – يىلى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان . مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ، 2019 – يىلى 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى ، قانۇن بويىچە جاۋابكارنى سوراق قىلىپ ، پۈتۈن دېلو ماتىرىيالى تەكشۈرۈلۈپ ئاياقلاشتۇرۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈلۈپ ئېنىقلىنىشىچە :
2018 – يىلى 2 – ئاينىڭ 05 - كۈنى سائەت 02 دىن 05 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋابكار سXX ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新FXXXXXنومۇرلۇق ماشىنىنى غۇلجا شەھەر جەنۇبى ئايلانما يولىدا غەرىپتىن شەرىققە قاراپ ھەيدەپ مىڭىپ بۇرۇنقى پەن زاۋۇت ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار توسۇپ تەكشۈرگەن . بۇ جەرياندا جاۋابكار سXXنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قاتناش ساقچىلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن . قاتناش ساقچىلىرى جاۋابكارنى ئىلى ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسغا ئىلىپ بىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئىلىپ ، قېننى جوڭ يې ئەدىلىيىك باھالاش ئورنىغا باھالاتقاندا جاۋابكار سXXنىڭ قىنىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى mg/100mlXXX بولغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپاتلار :
1. نەق مەيدان سۆرىتى قاتارلىق ماددى ئىسپات؛
2. جاۋابكار سXXنىڭ ياش ئىسپاتى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار؛
3 .گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ؛
4 . جاۋابكار سXXنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
5. جوڭ يې ئەدىلىيىك باھالاش ئورنىنىڭ (2018) 164– نومۇرلۇق ئىسپىرت تەركىبىنى باھالاش پىكىرى ؛
6 . ئۈن – سىن ماتىريالى .
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ :
جاۋابكار سXXنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى ›› نىڭ 133-ماددىسى بىرىنچىسى 2 - تارماقچىسىنىڭ بەلگىلىمىسىدىكى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ . بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل -ئىسپاتى تولۇق ۋە راست . خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك . شۇڭا «جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋاقانۇنى»نىڭ 176 - ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق . قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭىزلارنى سورايمىز .
ھۆرمەت بىلەن
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسگە
تەپتىش: دىلبەر ئوسمانجان
2019- يىلى 6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى
قوشۇمچە :
1.جاۋابكار سXX تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى : XXXXXXXX181 ؛
2.ج خ تەھقىقلەش دېلوسى 2 توپلام ، مەھكىمىمىزنىڭ 10 نۇسخا ئەيىبنامىسى ، ئاددىي تەرتىپنى قوللۇنۇش تەكلىپنامىسى بىلەن بىرگە سوتمەھكىمىسىگە يوللاندى؛
3.بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى بىرگە يوللاندى.
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment