شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش 1-بۆلۈم (2020) 247-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار رۇxx، ئەر، ئۇيغۇر، 31 ياش، كىملىك نۇمۇرى : xxxxxxxx6529011988، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھەر، ئاقسۇ شەھەر xx بازار xx- كەنىت xx- گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانغان (2016- يىل 5- ئاينىڭ 10- كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن 1 يىل 3 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ) . 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 16- كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلىككە بىرىلگەن .
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى (2020) 643-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار رxx 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 11 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە xx بازىرى xx يولىغا جايلاشقان xx كىيىم-كىچەك توپ ۋە پارچە سېتىش دۇكنغا كىيىم-كىچەك سېتۋېلىش ئۈچۈن كىرىپ تەخمنەن 10 مىنۇت ئەتىراپىدا دۇكاننىڭ ئىچىنى ئايلانغاندىن كىيىن، ئاياق تىزىلغان جازىنىڭ ئۈسىتدە زىيانلانغۇچى گۈxx قۇيۇپ قويغان 1035 يۈەن قىممىتىدىكى OPPO A11 يانفۇننى كۈرۈپ ئەتىراپتا ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلنىپ دۇكاندىن ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار رxxىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق. جاۋابكار رxxىڭ قىلمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا جاۋابكار رxxنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 264-ماددا ، 65-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن
2020يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى
ئىزاھات:
1.جاۋابكار xx ئائىلىسىدە كىپىلدە ، ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمىرى : xxxxxx13779
2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment