欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(玉某某危险驾驶案)

2021-09-22 尘埃 0 comments

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

                            ئەيىبنامىسى

                                        ئا ش ت ئەيىبلەش (2020)  267-نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

   جاۋابكار يۈxx، ئەر، ئۇيغۇر، 51 ياش،  كىملىك نۇمۇرى:  xxxxxxxx6529011969، باشلانغۇچ مەكتەپ  مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر xx بازار xx- كەنىت xx- گۇرۇپ xx- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىل 6-ئاينىڭ 2-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىل 7-ئاينىڭ 21-كۈنى (2020) 685-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى، ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار يۈxx ي-2020ىل 5- ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 03:10 لار ئەتىراپىدا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئاقسۇ شەھەرxx بازار « xx رېستۇرانى » ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ ئاقسۇ شەھەر xx بازار xx- كەنىت xx- گۇرۇپ يول بۆلىكىگە كەلگەندە ساقچىلار كىلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا جاۋابكار يۈxxنى ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەن دەپ گۇمانلىنىپ قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 109.48مىللىگرام(109.48mg/100ml)    بۇلۇپ، مەس ھالەتتە  پىراۋىسىز موتوسىكىلىت ھەيدىگەن .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار يۈxxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇللۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار يۈxxنىڭ قىلىمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار يۈxxنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق. 

تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن

2020-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى

ئىزاھات:

1. جاۋابكار يۈxx ئائىلىسىدە كىپىلدە. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى : xxxxxx18196 ، xxxxxx18240

 2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى 

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top