شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئى ر ت ئە چىقىش (2020) 6-نومۇرلۇق
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار ئاXX، ئەر، ئۇيغۇر ، 8519-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان كىملىك نۇمۇرى: 1985********652101. تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايون ** يېزا ** مەھەللە **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان. بۇرۇن جازالانمىغان. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بېرىلگەن.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئاXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىپ كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسىنى قوللانسا كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، جاۋاپكار ئاXX بىلەن دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىتلار تۆۋەندىكىچە :
جاۋابكار ئاXX 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 2:00 لار ئەتراپىدا، ھاراق ئىچىپ B2D تىپلىق پىراۋىسى بىلەن ئۆزىنىڭ 新K***** نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى، ** يولىدا شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، ** بازار ** كەنت يولىغا كەلگەندە، شۇ جايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان.
شىنجاڭ جۇڭشىن ماددىي ئىسپاتلارنى باھالاش مەركىزىنىڭ [2019]7014-نۇمۇرلۇق قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دۇكىلاتىدا: « ئاXXنىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئېتىل ئالكوگولنىڭ مىقتارى 202 مىللىگىرام» دىيىلگەن .
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكىرنامىسى، نەق مەيدان سۆرىتى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، مەزمونى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن، راس بۇلۇپ، ئەيىبلەنگەن قىلمىشنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك، جاۋاپكار ئاXXنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت بىلەن دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارشىچە: جاۋابكار ئاXXنىڭ دۆلىتىمىز قانونلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا ھەيدەپ ماڭغان قىلمىشىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكارنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 133-ماددىسى بىر مەزمونى، 67-ماددىسى 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىنى تونىغان بولۇپ، باشقا ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، قانون بويىچە يېنىك ۋە يېنىكلىتىپ جازالاشقا بولىدۇ. شۇڭا، جاۋابكارنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش :ئاينۇرگۈل ئەخمەت
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
قوشۇمچە :
1. جاۋابكار ئاXX كېپىلدە.
2. دىلونىڭ ج خ ئارخىبى 2 توپلام، تەپتىش ئارخىبى 1 توپلام، ئەيىبنامىسى 8 نۇسخا ، تۆۋىنامە 1 نۇسخا بىرگە يوللاندى.
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment