شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 344-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار ئاXX، ئەر، ئۇيغۇر، 27ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011974XXXXXXX ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، تۇرۇشلۇق ئادىرسى: XX بازار XX- كەنىت XX-گورۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمغان. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 26 -كۇنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلنغۇچە كىپلگە بىرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى3-ئاينىڭ 16-كۈنى(2019) 1803-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
جاۋاپكار ئاXX 2019- يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 12 يېرىملار ئەتىراپىدا ئاقسۇ شەھەر XX بازارXX-كەنىت XX-گۇرۇپتىكى زىيانلانغۇچى ئاXXنىڭ ئۈيىنىڭ ئۆگىزىسىگە لاي سېلىپ بىرىش ئۈچۈن بېرىپ،شۇ كۈنى سائەت 20 لەرگىچە ئىشلەپ، ئشتىن چۈشكەندىن كيىن ئاXXنىڭ ياتاق ئۈيىگە سۇ ئىچىش ئۈچۈن كىرىپ، ئۆيدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ياتاق ئۆينىڭ ئىچدىكى كۆلرەڭ چامداننى ئېچىپ، چامداننىڭ ئىچىدىكى كۆك رەڭلىك ئىشتاننىڭ يانچۇقىدىكى 1000 يۈەن پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقپ كەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئاXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايەت پاكىتى ئېنىق،دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك،ئۇنىڭ قىلمىشى يەنە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن،جاۋاپكار ئاXX بەش ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىپ،قوشۇمچە 1000يۈەن ئىشتىراف قويۇشقا تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش : جۈرئەت ئابلەت
تەپتىش :ئايجامال ئابدۇراخمان
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى
ئىزاھات :
1) جاۋابكار ئاXX ھازىر ئائىلسدە كىپلدە. تىلفۇن نۇمىرى:1750997XXXX
2) سەككىز نۇسخا ئەيىبنامە، بىر پارچە جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论