شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
پىچان تەپتىش 1- بۆلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 507- نومۇرلۇق
پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار: مXX ،ئەر، ئۇيغۇر، 19**- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 4215******65212219، پىچان ناھىيە ** يېزا ** كەنت **- گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان، خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2020- يىلى 8- ئاينىڭ 20- كۈنى پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن كىپىللىككە بېرىلگەن.
پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددىي تەرتىپىنى تەدبىقلاپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2019- يىلى 8- ئاينىڭ 8- كۈنى سائەت 00 دىن 31 مىنۇتلار ئۆتكەندە، جاۋابكار مXX ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، پىراۋىسى ماس كەلمىگەن ھالدا، 新K**176 نومۇرلۇق، « خوندا » ماركىلىق، ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى ھەيدەپ، شەرقتىن- غەربكە قاراپ يول يۈرۈپ، پىچان ناھىيە ** بازار ** كەنت 5- گۇرۇپپا ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شىمالدىن- جەنۇبقا قاراپ يولنى پىيادە كېسىپ ئۆتىۋاتقان مXX بىلەن سۇقۇلغان، نەتىجىدە ھادىسىدە مXX يارىلىنىپ، قاتناش ۋاستىسى زىيانغا ئۇچراشتەك قاتناش ھادىسىسىنى سادىر قىلغان.
شىنجاڭ «خىڭجىڭ» ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ ( 2019) 350- نومۇرلۇق ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسىنىڭ خۇلاسىسىدە: «مXXنىڭ قىنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 197.4mg/100ml » دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 3. باھالاش يەكۈنى؛ 4. نەق مەيدان خاتىرە- سۈرەتلىرى؛ 5. ئۈن- سىن پلاستىنكىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار مXXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار مXXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش- ترانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرۈپ، ئادەتتىكى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىرى 1- تارماق 2- تۈرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار مXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋابكار مXXغا 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش، جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش تەكلىپىنى بېرىپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋاپكار مXX ھازىر ئائىلىسىدە كېپىللىكتە.
2. دېلونىڭ ھەق- تەلەپ قىسمى ئاخىرلاشقان.
3. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىبنامە 10 نۇسخا، ئۈن- سىن پىلاستىنكىسى 1 دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment