欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(库某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-22 尘埃 0 comments

   

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                         ئو ت ئەيىبلەش (2020) 381-نۇمۇرلۇق

جاۋابكار قXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1983-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXXXXXX6529221983، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دىھقان، ئونسۇ ناھىيە XX بازار XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.

ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار قXXنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى بىلەن، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلودا ئاددى تەرتىپى قوللۇنۇشقا قۇشۇلىدۇ.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار قXX 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 10 دىن 5 مىنۇت ئەتىراپىدا، مەست ھالەتتە ئۆزىنىڭ 新NXXXXX نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىلىنى ھەيدەپ، Z620 لىنىيە 15 كىلومىتر 100 مىترلىق يول بۆلىكىدە كىتىۋاتقاندا، ئالدى تەرەپتە ئوخشاش يۆنىلىشتە ئاXX ھەيدەپ ئارقىغا قايتۇرۋاتقان 新NXXXXX نومۇرلۇق ئاپتۇموبىل بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن. يول قاتناش ھادىسىسىكېلىپ چىققان. باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار قXXنىڭ ۋېنا قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml164.45 چىققان. ھادىسىدە جاۋابكار قXXقا بارلىق جاۋابكارلىق بېكىتىلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار قXXنىڭ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.

جاۋاپكار قXXنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جاۋابكارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار قXXنى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                                      تەپتىش: خالمۇرات ئىسلام

                                        پۈتۈكچى: تاھىر تۇنياز

                                  2020-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى، بىرنۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى، بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.

(2) جاۋابكار قXX ھازىرئائىلىسىدە.


Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top