شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئىدىقۇت رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
ئى ر ت ئە چىقىش (2020)13-نۇمۇرلۇق
ئىدىقۇت رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكارXXپە، ئەر، ئۇيغۇر، 1972- يىلى **- ئاينىڭ**-كۈنى توغۇلغان، كىملىك نومۇرى:********1972652101، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىدىقۇت رايۇنى **** بازار **** كەنت **- گۇرۇپپا ***-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 28- كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكارپەXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى (2019)469-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىپ كەڭچىلىك بىلەن بىر- تەرەپ قىلىش بەلگۈلىمىسىنىى قوللانسا كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋاپكار پەXX بىلەن دۈجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
مەھكىممىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىكىتكەن جىنايى پاكىتلار تۈۋەندىكىچە:
جاۋاپكار پەXX 2019-يىلى 9- ئاينىڭ23-كۈنى سائەت 00دىن 20مىنۇت ئۆتكەندە ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە CC**** 新 نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ئىدىقۇت رايۇنى **** مەنزىرە رايۇن يولىدا شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ*** مەزىرە رايۇن **** مەھەللىسىگە كەلگەندە شۇ جايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019] 7240-نۇمۇرلۇق قان تەركىبى ئانالىز دوكلاتىدا پە XX نىڭ ھەر 100مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدە222 مىللىگىرام ئېتىل ئالكوھول بايقالدى دىيىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى جاۋاپكارنىڭ ئىخرارى، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش مەرگىزىنىڭ باھالاش پىكىرى ،جاۋاپكاردىن قان ئالغاندىكى سۈرەت ،قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ. بۇ دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، مەزمونى ئەمىليەتكە ئۇيغۇن ، راس بۇلۇپ، ئەيىپلەنگەن قىلمىشنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك، جاۋاپكارپەXX نىڭ ئەيىپلەنگەن پاكىت بىلەن دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارشىچە: جاۋابكار پە XX نىڭ دۆلىتىمىز قانونلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا ھەيدەپ ماڭغان قىلمىشىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكارنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 133-ماددىسى بىر مەزمونىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىنى تونىغان بۇلۇپ، باشقا ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، قانون بۇيىچە يېنىك ۋە يېنىكلىتىپ جازالاشقا بولىدۇ. شۇڭا ، جاۋاپكار پەXXغا 2 ئايدىن يۇقىرى3 ئايدىن تۈۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش، قوشۇمچە شىتراف قويۇش تەكلىۋى بېرىمىز . شۇڭا، جاۋابكارپەXX نى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش : مېھرىگۈل مۆمۈن
2020-يىلى1 -ئاينىڭ 10-كۈنى
قۇشۇمچە:
1.بۇ دىلۇ 3 توپلام بەت
2.جاۋاپكار پەXX كىپىللىكە بېرىلگەن بۇلۇپ، ھازىر كىپىلدە .
3. دىلو بىلەن بىرگە 8 نۇسخا ئەيىپنامە، تۆۋىنامە 1 نۇسخا بىرگە يوللاندى .
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment