ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت 1-※بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020)80–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار بەختىيار ئابابەكرى، ئەر، ئۇيغۇر، 1986-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:********6501021986، ئوتتۇرا تىخنىكۇم مەدەنيەت سەۋيسى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: **شەھەر **رايۇنى **يولى **كوچا **-قورۇ **-بىنا **-كورپۇس **-نومۇر، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: **شەھەر ** كوچىسى ** -قارار ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-كورپۇس **- نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. جىنايەت گۇماندارى بەختىيار ئابابەكرى 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك3 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلىپ 3يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجىرا قىلنغان، قوشۇمچە 20000يۈەن شتراف قويۇلغان، 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك6 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلىپ قوشۇمچە 5000 يۈەن شتراف قويۇلغان، ئىلگىرىكى جازا بىلەن قوشۇلۇپ 3يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىلىپ 25مىڭ يۈەن شتراف قويۇلغان.2014-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن. 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك7 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلىپ قوشۇمچە 6000يۈەن شتراف قويۇلغان، 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. بۇ قىتم ئوغرلىق جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 31-كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار بەختىيار ئابابەكرىرىنىڭ ئوغىرلىق دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 2–ئاينىڭ 29-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى . 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى دىلونى بىر قېتىم توۇقلاشقا قايتۇردۇق.2020-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى قايتا قۇبۇل قىلىپ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە 15كۇن بىر قېتىم ئۇزارتتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار بەختىيار ئابابەكرى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە، ئۆزى يالغۇز **شەھەر **رايۇنى **يولى **مەيخانىسغا كىرىپ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى شې**نىڭ مەس بولۇپ قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئورۇندۇق ئۈستىگە قويۇپ قويغان سومكىسىنىڭ ئىچىدىن 3100 يۈەن پۇلنى ئوغىرلاپ 2600يۈەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، 500يۈەن قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
جاۋابكار بەختىيار ئابابەكرى2019-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى **كوچىسى **-قارار ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-كورپۇس **- نومۇرلۇق ئۆيدىن ئوغىرلىق قىلمىشىغا چېتىشلىق دەپ تىيانشان ج خ شۆبىسى2- ئەترەت تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار بەختىيار ئابابەكرىنىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛
2.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە گەپ سوراش خاتىرىسى؛
3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار بەختىيار ئابابەكرىنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ زاڭ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى:
5. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ،تونۇتۇش سۆرئەتلىرى؛
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ،شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆزلىگىدىن جىنايىتىنى تونۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار بەختىيار ئابابەكرىنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە خۇسۇسلارنىڭ كۆپرەك مىقتاردىكى پۇلىنى يۇشۇرۇن ئوغىرلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغىرلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسى ۋە 65-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچەجىنايى جازا بېرىشىڭىزلەر ئۈچۈن«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان
2020–يىلى 6–ئاينىڭ 3-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا:
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 3 توپلام بىرگە يوللاندى.
3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.
4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment