شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 405-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار رxx، ئەر، ئۇيغۇر، 39 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529221980xxxxxxxx، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھرى، xxناھىيە xx يېزاxx-كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىشچى، ئىلگىرى جازالانمىغان .2019-يىل 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىل 3-ئاينىڭ 22-كۈنى(2020) 59-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
جاۋابكار رxx 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 01:00 لەر ئەتىراپىدا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئاقسۇ شەھەر xx رايونى xxبىنانىڭ يېنىغا توختۇتۇپ قويغان 新NCxxxx نۇمۇرلۇق ماشىننى ھەيدەپ، xx رايونى xx بىنانىڭ ئالدىغا كەلگەندە شۇ ئەتىراپتا چارلاش ئېلىپ بېرۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە، ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 235.45 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئىنىقلانغان بۇلۇپ مەس ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز جاۋاپكار رxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى توللۇق. ئۇنىڭ قىلمىشى يەنە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا جاۋاپكار رxxگە 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەكە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 8000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بېرىشكە تەكلىپ بېرىپ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش : ھۈسەنجان موللىمىن
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى
ئىزاھات :
‹1جاۋابكار رxx كېپىلگە بېرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە ،تېلفۇن نۇمۇرى : 1529252xxxx ، 1577005xxxx
2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە، جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment