欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(哈某某危险驾驶案)

2021-09-25 尘埃 0 comments

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

                       پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 181-نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

    جاۋابكار: قاXX ، ئەر، ئۇيغۇر ، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 3712*****65212219، پىچان ناھىيە ** يېزىسى  ** ** مەھەللە كەنتى**-گۇرۇپ **-نۇمۇردا ئۇلتۇرۇشلۇق ،  ئالىي تىخنىكوم مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، پارتىيە ئەزاسى ،پىچان ناھىيە ** يېزا **** ئۇقۇتقۇچىسى، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ 2019- يىلى10-ئاينىڭ 14-كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ18-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن.

    پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار قاXXنىڭ  خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبوريەتلېرىنى ئۇقتۇردۇق، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

  مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:  

2019-يىلى09-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 00 دىن 24مىنۇت ئۆتكەندە ، جاۋاپكار قاXX ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە، 新K*****نۇمۇرلۇق، «**» ماركىلىق، كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسنى ھەيدەپ ،جەنۇپتىن- شىمالغا قاراپ مىڭىپ ، پىچان ناھىيە ** يېزا ** مەھەللە كۇمىتىتى  ****-نۇمۇرلۇق دىلۇ مەلۇم قىلىش نۇقتىسى ئالدى يول  بۆلىكىگە كەلگەندە ،شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجىرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ تۇتۇلغان.

شىنجاڭ«خواتۇڭ»ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019] 6339-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دۇكىلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا« جاۋاپكار قاXXدىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى «mg/100ml188.21»دەپ يەكۇن چىقارغان.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: 

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛3. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. باھالاش يەكۈنى؛ 5. نەق مەيدان سۈرەتلېرى قاتارلىقلار بار.  

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار قاXX ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ،تىز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىگە قۇشۇلىدۇ .

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار قاXXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش-تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسى بىر مەزموننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە بېرىلدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ۋە قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش جازاسى.

جاۋاپكار قاXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن ، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار قاXXغا 2 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ،جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش جازا  تەكلىپىنى بېرىدۇ.

جاۋاپكار قاXX خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن:

   تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا

    2020-يىلى4-ئاينىڭ 10-كۈنى

ئىزاھات:    

   1. جاۋاپكار قاXX  ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە،تېلىفۇن نومۇرى:135********.

 2. ج خ دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 10 نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top