欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吾某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-21 尘埃 0 comments

   كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 ) 1255 –نۇمۇرلۇق 

         جاۋاپكار ئۆxxx،ئەر، xxxx-يىلى xx-ئاينىڭ xx -كۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 6528221972xxxxxxx، ئۇيغۇر،سىياسى قىياپىتى: ئامما،  تۇلوقسىز ئوتتۇرا مەدىنيەت مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ،  نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ xxxناھىيىسى xxxx يېزىسى xxxكەنت x-گۇرۇپپا xx-نۇمۇر،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: xxx شەھەر xxxبازىرى xxxxن توقۇمچىلىك چەكلىك شېركىتى ئائىلىكلەر قوروسى x-بىنا xxx-نۇمۇر ،كەسپى ئىشچى . xxxx-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۇنى  كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرپدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلدى.ھازىر ئائىلىسىدە . 

       كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكارنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، xxxx-يىلىxx-ئاينىڭ xx-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق . دىلو پاكىتىنى تۈۋەندىكىچە ئىنىقلىدۇق : 

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

  جاۋاپكار  ئۆxxx xxxx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى 20:30 ئەتراپىدا،  ھاراق ئىچىپ  مەس ھالەتتە ، 新Mxxxx نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپ،،xxxا شەھىرى xxx يولى xxx يولى ئۈچ كوچىغا كەلگەندە،ئالدى تەرەپتىكى ئوخشاش يۆنىلىشتە قاتناش سىگنال چىرىقى ساقلاۋاتقان لى xxxھەيدىگەن 新Mxxxx نۇمۇرلۇق ماشىنىنى سوققان،نەتىجىدە ئىككى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلغان.قاتناش ئىتىراپنامىسىدە : جاۋاپكار پۈتۈن مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دە بىكىتكەن .

    شىنجاڭ xxx قاتناش ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئورنىنىڭ مەركىزى (2020) xxx-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇريېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا : جاۋاپكارنىڭ  قېنىدا ھەر 100مىللىلىتىردا  96.13مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى  بار دەپ يەكۈن  چىقارغان.

 جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

       يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار ئوxxxxنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 133-ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.جاۋاپكار جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان بولوپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ15-ماددىسىنىڭ بەلگۈلمىسى بۇيىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ ، شۇڭا»جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكارنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

                   ھۆرمەت بىلەن : 

                                   كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە          

                                           تەپتىش :خاسىيەت ئابدۇكېرىم 

                                                  2020-يىلى12-ئاينىڭ24-كۈنى  

           ئەسكەرتىش : 

   1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.  

   2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

   3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى  بىر نۇسخا

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top