博乐市人民检察院
起 诉 书
博乐市检一部刑诉〔2020〕213号
بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020) 213-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ت**، ئەر ، ئۇيغۇر، 1980-يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان ،كىملىك نومۇرى :6527011980********، تولۇق ئوتتۇرا مەدىنىيەت سەۋىيەسگە ئىگە, خىزمەت ئورنى : بورتالا شەھەر **، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى : بورتالا شەھەر ** يولى** ئولتۇراق رايونى**-بىنا**-كورپۇس**-ئۆي، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن : بورتالا شەھەر** ساقچىخانىسى. 2020-يىلى10-ئاينىڭ06-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىغۇچە كىپىلگە بېرىلگەن، 2020- يىلى11- ئاينىڭ17- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە داۋاملىق كېپىلگە بېرىلگەن .
مەزكۈر دىلونى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى (2020) 184-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ت**نى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ ،پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:
2020-يىلى 10-ئايىنڭ 03-كۈنى سائەت 01دىن 47مىنۇت ئەتراپدا ،جاۋاپكار ت** ھاراق ئىچىپ 新E-***** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپدىكى ماشىنى ھەيدەپ بورتالا شەھەر چىندىل يىزا Y018 يول لىنىيسدە شىمالدىن-جەنۇپقا قاراپ مىڭىپ Y018لىنيسى 2كىلومىتىرلۇق يول بۈلكى يەنى چىندىل بازار دۇڭدۇ گۈلۈمتى كەنتى يول بۈلكگە كەلگەندە شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ تۇتۇلغان. بورتالا ئوبلاسلىق ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش ئورنىنىڭ باھالاشنامىسىدا: تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن جاۋاپكار ت**نىڭ ۋىنا قېنىدىن بايقالغان ئىسپرىت مىقدار:mg/100 117.453،بۇ مەس ھالەتكە تەۋە.
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، يازما ئىسپات ،باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار ت**نىڭ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ- 133ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىغا ئاساسەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق ۋە راست، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ- 176ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : زاھىر
2020-يىلى11-ئاينىڭ 25-كۈنى
قوشۇمچە :
1).جاۋابكار بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
2). دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى ، ج خ ئىككى توپلام ،تەپتىش بىر توپلام بىللە يوللاندى.
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment