شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
كۇچا ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ك ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 490- نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار ت ** ، ئەر ،ئۇيغۇر،** – يىلى ** – ئاينىڭ ** – كۈنى تۇغۇلغان ،كىملىك گۇۋانامە نۇمۇرى**********65292319. تۇلۇقسىز ئوتتۇر مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، كەسپى دېھقان ،كۇچا ناھىيسىدىن ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى تۇرالغۇسى : شىنجاڭ كۇچا ناھىيە ** ئىجتىمائى رايۇنى 3-گورۇپپا 33-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان.
خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى04–ئاينىڭ 07-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تۇتۇلۇپ، 2020-يىلى04-ئاينىڭ14-كۈنى تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلسىدە .
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى 〔2020〕188 -نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋاپكار ت ** نىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش دېلوسىنى 2020-يىلى 05- ئاينىڭ 26-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تېز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ كۆردۈق، دېلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاندى:
جاۋاپكار ت ** 2020-يىلى04-ئاينىڭ07-كۈنى سائەت17:30لەر ئەتراپىدا كۇچا شەھىرى ** دە ئولتۇرۇشلۇق ئاغىسنى ت** نىڭ ئۆيىدە ئىككى بوتۇلكا ئاق ھاراق ئىچكەندىن كىيىن شۇ كۈنى 21لەر ئەتىراپىدا ئۆيگە قايتىش مەقسىدىدە** نىڭ قارشى تەرپىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا توختىپ قويغان ئۆزىنىڭ نامىدىكى ****新Nنۇمۇرلۇق شۆفۇلەن ماركىلىق ،كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسنى نان شەھەرچىسىنڭ ئالدىدىن ئۆزى يالغۇز ھەيدەپ چىقىپ ،دۆلەت يۇلى 217-لىنىيسدە جەنۇپتىن-شىمال يۆنلىشتە يۈرۈپ دۆلەت يۇلى 217-لىنىيسى 1087كىلومىترلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە ماشىنا يول بويىدىكى رىشاتكىغا سوقۇلغاندىن كىيىن قارشى تەرەپتىن كىلۋاتقان ج**ھەيدىگەن تاختاي نۇمۇرى *****新N بولغان كىىچك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسغا سوقۇلغان تەتىجىدە ئىككى قاتناش ۋاستىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ھادىسىسنى سادىر قىلىپ، شۇ يەردە چارلاش ۋەزىپىسى ئجىرا قىلۋاتقان چارلاش ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان .
شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش دوكىلاتىدا، ت ** نىڭ ۋېنا تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىmg/100ml 170 دەپ باھالانغان .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، باھالاشنامە، ئېنىقلاپ–تەكشۈرۈش خاتىرسى،ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىمەك،جاۋابكار ت ** نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ,جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش- تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر،راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار ت ** غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-تارماق2-تارماقچىسىنىڭ ، 67- ماددا3- تارماقنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ ،«جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ھۆرىيەت تۇردى
2020- يىلى 06- ئاينىڭ 02- كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، تېز كىسىم قىلىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلىق ئېتىراپنامىسى بىرگە يوللاندى .
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment