شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 218-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار تۇxx، ئەر، ئۇيغۇر، 51 ياش، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxx6529011968،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھەر، كېپىلگە بىرىلىشتىن ئىلگىرى: ئاقسۇ شەھەر xx بازار xx-كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دىھقان، ئىلگرى جازالانمىغان. 2019-يىل 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى3-ئاينىڭ 24-كۈنى (2020)265-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى.مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،جاۋابكارغا ھوقۇق- مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار تۇxx -2019 يىلى -12ئاينىڭ -24كۇنى سائەت 10:30 ئۆتكەندە ئاقسۇ شەھەر xx بازار xx-كەنىت -xxگۇرۇپتىكى ئۆيىدە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى ھەيدەپ، سائەت 23:30لەردە xx بازار -xxكەنىتxx- گۇرۇپتىكى دۇكانغا بېرىپ ھاراق ئېلىپ ئۆينىڭ ئالدىغا قايتىپ كەلگەندە، شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار تۇxxنىڭ ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقىغان. قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتى جاۋاپكار تۇxxنى ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەن دەپ گۇمانلىنىپ قېنىنى ئېلىپ تېخنىكىلىق باھالاشقا يوللىغاندا،جاۋاپكار تۇxxنىڭ 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى179.86 مىللىگىرام(mg/100ml179.86)بولۇپ مەس ھالەتتە موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىگى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،باھالاشنامە،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار تۇxxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-تارماق بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تۇلۇق،خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،جاۋابكار تۇxxنىڭ قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن،شۇڭا جاۋابكار تۇxxنىڭ جىنايىتىگە 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 0006 يۈەن ئىشتىراف قۇيۇشقا ھۈكۈم قىلىش توغرىسدا تەكلىپ بىرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ«جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش: ئەنۋەر ئەمەت
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى
ئىزاھات: 1.جاۋابكار كېپىلگە بىرىلگەن.تىلپۇن نومۇرى: xxxxxx15886 .
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىل خېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment