شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىپلەش چىقىش (2020) 203 - نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار تXX، ئەر، ئۇيغۇر، 42 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011978XXXXXXXX، يۇرتى ئاقسۇ شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى XX يېزا 3-كەنت 1-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، X-كەنىت شۈجىسى، پارتىيە ئەزاسى، مەخسۇس كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020– يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى (2020) 351-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋاپكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 02:30 لاردا جاۋابكار تXX ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاقسۇ شەھەر X-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يېنىدىكى XX» رېستۇرانىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان 新NXXXX نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ ئاقسۇ شەھەر XX ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ماشىنىنى كونتىرول قىلالماي يول ياقىىسىدىكى چىمىلىققا كىرىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن شۇ ئەتىراپتا چارلاش ۋەزىپىسى ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 177.25 مىللىگىرام بۇلۇپ، مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش خۇلاسىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار تXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋابكارغا خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-تارماق بەلگىلىمسى بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك .جاۋابكارنىڭ قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكارغا ئۈچ ئاي 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش ، قۇشۇمچە 7000 يۈەن جەرىمانە قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 172-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش :تXX
تەپتىش : ئاXX
2020- يىلى 3- ئاينىڭ 26-كۈنى
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment