欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(亚某某盗窃一案适用)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-22 尘埃 0 comments

乌什县人民检察院

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕10号

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىپنامە چىقىش (2020) 10-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار يxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى -xxئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك گۇۋاھنامە نومۇرى: xxxxxxxx ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، قامىلىشتىن ئىلگىرى ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xxكەنىت xxمەھەللە xxنومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، xxيىلى xxئاينىڭ xxكۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك سەككىز ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، xxيىلى xxئاينىڭ xxكۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى ئوغرىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلۇپ، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان.   

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار يxxنىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىللىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت

جاۋابكار يxx  xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى سائەت 23:00 ئەتراپىدا ۋە xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى سائەت 21:00 ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى مxxنىڭ يان تېلفۇنىغا دوۋيىن چۈشۈرۈپ بىرەي، تىلىفۇن قىلىۋالاي دەپ زىيانلانغۇچى مxxنىڭ يان تېلىفونىدا مەشخۇلات قىلىش جەريانىدا، مxxنىڭ پۇل چىقىم قىلىش مەخپى نۇمۇرىنى كۈرىۋېلىپ، ھىساباتىدىكى پۇلىنى ئوغۇرلاش مەخسىتىدە مxxنىڭ wxid-xxxxxx نومۇرلۇق ئۇندىدارىدىن 17 قېتىم قىزىل بولاق ئېتىش ئۇسۇلىدا ئۆزىنىڭ wxid-xxxxxx نومۇرلۇق ئۈندىدارىغا 2850 يۇەن پۇلىنى يوتكەپ ئوغۇرلىغان . دېلو پاش بولغاندا زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. 

جاۋابكار يxx  كېپىلگە بىرىلگەن مەزگىلدە xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى ۋە xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرى xx كوچا دوقمۇشىغا جايلاشقان xx قەرىز كوپىراتىپىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى زالىدا، زىيانلانغۇچىلارنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدا پۇل ئېلىش-سېلىشنى بىلمەيدىغان ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، كارتىسىدىن پۇل ئېلىپ بېرىش جەريانىدا زىيانلانغۇچى مەxxنىڭ ئىجتىمائى سۇغۇرتا كارتىسىدىن 100 يۇەن، ئوxxنىڭ ئىجتىمائى سۇغۇرتا كارتىسىدىن 600 يۇەن نەخ پۇلنى ئوغۇرلىغان ھەم زىيانلانغۇچى تۇxxنىڭ نەخ پۇلىنى بانكىغا سېلىپ بىرىمەن دەپ تۇxx دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ 1000 يۇەن نەخ پۇلىنى ئوغۇرلىۋالغان. دېلو پاش بولغاندا زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن . 

 يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار يxx  مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار يxxنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ پۇل مېلىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ، جاۋابكار ئىلگىرى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان بولۇپ، جازا مۇددىتىنى تۈگۈتۈپ قۇيۇپ بېرىلىپ قايتا ئوغرىلىق جىنايىتى سادىر قىلغان، كىپىلگە بېرىلگەن مەزگىلدە يەنە ئوغرىلىق جىنايىتى سادىر قىلغان. بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگدارلىقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا ،65-ماددىىسىدىكى بەلگۈلىمە بويىچە جازا بىرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: روشەنگۈل شېيىق

پۈتۈكچى: ئامانگۈل تۇردى

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى

ئىزاھات: (1)  8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق . 

     (3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى. 

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top