欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(亚某某危险驾驶案)

2021-09-22 尘埃 0 comments

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                   ئى ر ت ئە چىقىش (2020) 93-نومۇرلۇق

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

 جاۋابكار ياXX ،ئەر،ئۇيغۇر ،1989-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان كىملىك  نۇمۇرى: ********6521011989. تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونى ** يېزا ** كەنىت **-گۇرۇپپا **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى :دىھقان، ئامما، بۇرۇن جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە  چىتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن .  

ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ياXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىپ كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسىنى قوللانسا كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ، جاۋاپكار ئەنۋەر يۈسۈپ بىلەن دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

 مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىتلار  تۆۋەندىكىچە : 

ياXX 2019-يىلى12-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ ۋاختى  سائەت 00:30 لار ئەتراپىدا ھاراق ئىچىپ 新K*****  نۇمۇرلۇق ماشىنىنى، ئىدىقۇت رايون ** بازار يولىنى بويلاپ شەرقتىن غەرىپكە قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ، ** بازارلىق ساقچىخانىنىڭ جەنۇپ تەرەپتىكى ئۈچ كوچىسىغا كەلگەندە ، شۇجايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان .

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ【2019】9235-نۇمۇرلۇق ئىسپىرىت تەركىبىنى ئانالىز قىلىش دوكلاتىدا ياXXنىڭ قان سۇيۇقلۇقى ئىسپىرىت مىقىدارى ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى قان سۇيۇقلۇقىدا 198 مىللىگىرام دىيىلگەن .   

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكىرنامىسى، نەق مەيدان سۆرىتى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، مەزمونى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن، راس بۇلۇپ، ئەيىبلەنگەن قىلمىشنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك، جاۋاپكار ياXXنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت بىلەن دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارشىچە: جاۋابكار ياXXنىڭ دۆلىتىمىز قانونلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا ھەيدەپ ماڭغان قىلمىشىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكارنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 133-ماددىسى بىر مەزمونى، 67-ماددىسى 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىنى تونىغان. شۇڭا، جاۋابكارنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› 176-ماددىسىنىڭ  بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

                                       تەپتىش :ئاينۇرگۈل ئەخمەت                     

                                   2020-يىلى 4-ئاينىڭ  23-كۈنى

قوشۇمچە :

1. جاۋابكارياXX كېپىلدە.

2. دىلونىڭ ج خ ئارخىبى 2 توپلام، تەپتىش ئارخىبى 1 توپلام، ئەيىبنامىسى 8 نۇسخا ، تۆۋىنامە 1 نۇسخا بىرگە يوللاندى.

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top