欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某某危险驾驶案

2021-09-21 尘埃 0 comments

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2020) 425  -نومۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار  ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، 32ياش  ، كىملىك نومۇرى  XXXX  6529011988، 1988-يىلى XX-ئاينىڭXX-كۈنى تۇغۇلغان. نوپۇس تۇرۇشلۇق جاي ئىگەچى ساقچىخانسى، تۇرۇشلۇق ئادرېسى شىنجاڭ ئاقسۇ شەھەر X يېزا X-كەنت X-گۇرۇپ X-نۇمۇردا  ئولتۇرۇشلۇق ، تۇللۇق كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، تىجارەتچى،ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 07-ئاينىڭ 09-كۈنى قانۇن بۇيىچە كېپىلگە بىرىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئەلىجان تۇرسۇننىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى9-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى تىز سوت قىلىش تەرتىپنى قوللىنىپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جاۋابكار ئە -XX يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى كەچتە  سائەت 22:00 لەردە  ئۆيىدە ئولتۇرۇپ تەخمىنەن 200 گىرام ئەتراپىدا ئاق ھاراق ئىچكەن،7-ئاينىڭ 4-كۈنى 04:30 لەردە ئايالى بىلەن  ئۇرۇشۇپ قېلىپ ئولتۇراق رايوننىڭ سىرتىغا چىقىپ،  ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازا يېنىدىكى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغا توختۇتۇپ قويغان 新NXX  نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپ  چوڭ يولغا چىقىدىغان يول ئېغىزىغا كەلگەندە  شۇ ئەتراپتىكى ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ قاتناش چوڭ ئەتىرتىگە دىلو مەلۇم قىلغان،قاتناش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىلىرى جاۋابكار ئەXXنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قان ئېلىپ تەكشۈرگەن.

شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ ئەدىليىلىك باھالاش دوكلاتىدا «جاۋابكار ئەXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 232.53مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ئەXX يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئەXXنىڭ ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز، مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن <<جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>> نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار. شۇڭا <<جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى>>نىڭ 15 -ماددىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ  4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش، قۇشۇمچە 8000 يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا <<جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى>>نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: يۈسەنجان موللائىمىن

تەپتىش: مۇيەسسەر ئەنۋەر

2020يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى

ئىزاھات : 

1. جاۋابكار كېپىلدە. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى:XXXX 1323986 

   2. 8نۇسخا ئەيىبنامە، جىنايىتىنى تۇتۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تېل خېتى، ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

                                         

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top