شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج ئە چىقىش (2020) 796-نومۇرلۇق
جاۋابكار ئەxx، ئەر، ئۇيغۇر،xx 19-يىلى-x ئاينىڭ-x كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى65292419xxxxxxxxxx:، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، شوپۇر، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنت-x گۇرۇپ 15-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئەxxنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020) 754-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئەxx 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 03:30 لەر ئەتىراپىدا، ئاxx، مxx، گxx قاتارلىقلار بىلەن بىللە شايار ناھىيە xx بازىرى xx كوچىسىدىكى بىر ئاشخانىدا تاماق يىگەچ ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ (شايار ناھىيە xx تاكسى شىركىتىنىڭ نامىدىكى، گxxنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى) Nxxxxx 新نۇمۇرلۇق، تاكسى ماشنىسىنى ۋاقىتلىق ھەيدەۋاتقان دوستى نxxگە تېلفۇن قىلىپ، ئاشخانىنىڭ ئالدىغا چاقىرىپ ئەكەلگەن، نxx كەلگەندىن كېيىن جاۋابكار ئەxx، ئاغىينىسى ئاxx، مxx، گxx قاتارلىقلارنى ئۈيىگە ئاپىرىپ قۇيۇش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆزىنىڭ تاكسى ماشنىسىغا چىقارغاندىن كىيىن ئۆزىمۇ تاكسى ماشىنىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئولتۇرغان، ماشىنىنى نxx ھەيدەپ ئاxx، مxx، گxx قاتارلىقلارنى ئۆزىنىڭ ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ قويغاندىن كىيىن، جاۋابكار ئەxxنى ئۈيىگە ئاپىرىپ قۇيۇش ئۈچۈن نxx ماشىنىنى داۋاملىق ھەيدەپ شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنىت-x گوروپ تەۋەسىگە كەلگەندە دوستى نxxغا «كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەتتى، ماشنىنى توختۇتۇڭلار» دەپ نxxغا ماشىننى توختۇتۇشنى ئېيتقان، نxx ماشىننى توختاتقاندىن كىيىن جاۋابكار ئەxx ماشىنىدىن چۈشۈپ «ماشىنىنى ئۆزۈم ھەيدەيمەن» دەپ تۇرىۋالغاندا نxx جاۋابكار ئەxxغا «سىز ھاراق ئىچىتىڭىز، شۇڭا ماشىنا ھەيدىسىڭىز بولمايدۇ» دەپ قايتا-قايتا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، جاۋابكار ئەxx «ماشىنىنى ئۈزۈم ئالغان، ئۆزۈم ھەيدەيمەن» دەپ نxxنى ھاقارەتلەپ ماشىنىنى تارتىۋالغان ۋە شۇنىڭدىن كىيىن جاۋابكار ئەxx مەسىت ھالەتتە ماشىنا ھەيدەپ كىتىۋېتىپ شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنىت-x گوروپتىن شايار ناھىيە xx بازىرى تەرەپكە ھەيدەپ كىتىۋېتىپ، شايار ناھىيە-xxx ئۆلكە يولى خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ئالدىدىكى تاشقا سوقۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن ماشىنىنى تاشلاپ نەق مەيداندىن قېچىپ، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنىتكە بارىدىغان يولنىڭ ئۈستىدىكى xx زاۋۇتىنىڭ ئالدىغا كىتىۋاتقاندا شايار ناھىيە-xxx ئۆلكە يولى خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن قوغلاپ تۇتۇلغان.
باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار ئەxxنىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 250.70 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئەxxنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق. جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان. جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2)-تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلونى تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشغا ۋە قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەنلىكى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار ئەxxغا تۆت ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 8000 يۈەن ئىشتىراف قۇيۇش ھەققىدە تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: ئەxx
-2020يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى
قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (100بەت) بىرگە يوللاندى.
2) جاۋابكار كېىپىلدە، ھازىر ئائىلىسىدە بار.
3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بۇلۇش تۆۋەنامىسى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment