شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج 1-بۆلۈم ئە چىقىش (2020) 783-نومۇرلۇق
جاۋابكار يۈXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، نۇپۇستىكى ئاھالىلار سالاھىيەت گۇۋاھنامە نۇمۇرى: XXXXXXXX65292419، كەسپى: تامچى، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئېگە، شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنت XX-گوروپ XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىغى ئۈچۈن ئايالى ماXXغا كېپىللىككە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار يۈXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى10-ئاينىڭ 2-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020) 810-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار يۈXX 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 15:00لەر ئەتىراپىدا، جاۋابكار يۈXX،دوستى ئىXX بىلەن XX كەنت كومتىتنىڭ ئالدىكى ئەXXنىڭ ھاراق دۇكىنغا كىرىپ،بىرگە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن سائەت 19:30 لار ئەتراپىدا، ھاراق دۇكىندىن چىقىپ، ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ھاراق دۇكىننىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان ئۆزىنىڭ新NXXXX نۇمۇرلۇق (ساختا نۇمۇر تاختاي)، ئىككى چاقلىق، قارا رەڭلىك، ئايالچە موتسىكىلىتىنى ئۆزى يالغۇز پىراۋىسىز، مەسىت ھالدا ھەيدەپ، شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنت XX-گوروپ يول بۆلىكىگە كەلگەندە،موتوسىكلىتنى باشقۇرالماي ئورمانلىققا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، شۇ يولدا كىتىۋاتقان شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى XX كەنىت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى ساقچىسى رXX تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار يۈXXنىڭ ھەر100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى299.91مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ 2020- يىلى05- ئاينىڭ12-كۈنىدىكى ئەدىليىلىك باھالاش پىكىرىدە:« يۈXXنىڭ قان ئەۋرىشكىسىدىن ئېتىل ئالكوھول تەكشۈرۈپ چىقىلدى، ئۇنىڭ مىقدارى299.91mg/100ml» دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەق مەيداندىن تارتىلغان سۆرەتلەر، ئۈن-سىن ماتىريال قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار يۈXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تولۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2)-تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلوغا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىش ۋە جاۋابكار يۈXXنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار يۈXXغا 4 ئاي 25كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 9600يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: XXXXXX
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى
قۇشۇمچە: 1) 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى بىرگە يوللاندى.
2)جاۋابكار كېپىلدە،
3) جاۋابكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش خىتى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论